باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

نۇرغۇن ئۆلكىلەر قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، ئىككىنچى بالىلىق بولغان ئانىلارنى قوغدىدى

2017.08.16 15:17         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  نۆۋەتتە شەنشى ئۆلكىسى «شەنشى ئۆلكىسىنىڭ ئايال ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ ئەمگىكىنى قوغداش ئالاھىدە بەلگىلىمىسىنى يولغا قويۇش چارىسى» ھەققىدە جەمئىيەتتىن پىكىر ئالماقتا، ئومۇميۈزلۈك ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، مەملىكەت بويىچە نۇرغۇن ئۆلكىلەر ئىلگىرى كېيىن بولۇپ، يولغا قويۇش چارىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، تۇغۇت ئارام ئېلىش ۋاقتىنى 138 كۈندىن 158 كۈنگە ئۇزارتتى.

  نۆۋەتتە نوپۇسى ئەڭ كۆپ ئۆلكە، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى مۇنۇلارنى بەلگىلىدى: ئەمگەك توختامى ياكى تەكلىپ بىلەن ئىشلىتىش توختىمىدا ئايال ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ توي قىلىشى، پەرزەنتلىك بولۇشى قاتارلىق قانۇنلۇق ھوقۇقى چەكلەنمەسلىكى، مۇئاش تەڭشەش، ۋەزىپىسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ئايال ئىشچى خىزمەتچىلەر كەمسىتىلمەسلىكى ۋە ئۇلارغا چەك قويۇلماسلىقى كېرەك. بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ئايال ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقىغا دەخلى تەرز يەتكۈزۈش قىلمىشىغا قارىتا ئەنخۇي ، جياڭشى ، خېبېي ، نىڭشيا قاتارلىق ئۆلكە ۋە ئاپتونوم رايونلار ئېنىق قىلىپ: ئايال ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى تەرز يەتكۈزگەن ئىدارىلەرگە مىڭ يۈەندىن يۇقۇرى 5مىڭ يۈەندىن تۆۋەن ئۆلچەم بىلەن جەرىمانە قويۇلىدۇ دەپ بەلگىلىدى.

  دۆلەتلىك سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى سۈي لى بۇنىڭدىن بۇرۇن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پىلانلىق تۇغۇتنى يولغان قويغان ئائىلىلەرگە قارىتىلغان مۇكاپاتلاش سىياسىتىنى داۋاملىق ساقلاش، بولۇپمۇ يالغۇز، يارىدار، مېيىپ ئائىلىلەرگە ئىقتىسادىي جەھەتتە تولۇقلىما بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويۇش كېرەك، جۈملىدىن مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، تەرەققىياد ئىسلاھات كومىتېتى بىلەن بىرگە ھۆججەت چىقىرىپ، جەمئىيەت قاتلىمىدىن ياخشى مۇھىت يارىتىش، يەنى ئانا بوۋاقلارغا ئاممىۋىي سورۇنلاردا مۇۋاپىق شارائىت ۋە مۇھىت يارىتىپ بېرىش، تۈرلۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر