باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يۇقۇرى ئۈنۈملۈك سۇ تىجەپ سۇغۇرۇش نىشان ۋەزىپىسى جايلارغا كېڭەيتىلدى

2017.08.16 15:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ مالىيە مىنىستىرلىقى يېزا ئىگىلىك مەھكىمىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل 20 مىليون مو يەرنى يۇقۇرى ئۈنۈملۈك سۇ تىجەپ سۇغۇرۇش نىشان ۋەزىپىسى ھەرقايسى ئۆلكە ،ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرگە كېڭەيتىلگەن. جايلارنىڭ بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنلىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، مەركەز مالىيىسى كۆپلىگەن مەبلەغ يوللىرى ئارقىلىق نۇقتىلىق مەدەت بېرىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە سۇ ئىنشائاتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەبلىغىدىكى ئېتىز ئېرىق سۇ قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلىدىغان قىسمى بۇ ۋەزىپىگە كاپالەتلىك قىلىشقا ئالدىن ئىشلىتىلىدىكەن.

  مەلۇماتقا قارىغاندا، 6-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە بۇ يىل مەملىكەت بويىچە يۇقۇرى ئۈنۈمدە سۇ تىجەپ سۇغۇرۇش كۆلىمى 9 مىليون 750 مىڭ مو يېتىپ، پۈتۈن يىللىق ۋەزىپىنىڭ %48.8 ئورۇندالغان. جايلار29 مىليارت 621 مىليون يۈەن قۇرۇلۇش مەبلىغى ئورۇنلاشتۇرغان. كېيىنكى باسقۇچتا مالىيە مىنىستىرلىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە جايلارنىڭ يۇقۇرى ئۈنۈمدە سۇ تىجەپ سۇغۇرۇش ئىشلىرىنى داۋاملىق قوللاپ، يېزا ئىگىلىكىدە سۇ تىجەش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر