باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بانكا كارتىسىنىڭ كارتا سۈرتۈش رەسمىيەت ھەققى بۈگۈندىن باشلاپ تۆۋەنلىتىلىدۇ

كىم نەپكە ئېرىشىدۇ؟

2016.09.06 15:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بانكا كارتىسىنىڭ كارتا سۈرتۈش رەسمىيەت ھەققى بۈگۈندىن باشلاپ(6-سېنتەبىر) تۆۋەنلىتىلىدۇ. يېڭى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، كارتا تارقىتىش ئاپپاراتلىرى ئالىدىغان كارتا تارقاتقۇچى بانكا مۇلازىمەت ھەققى قەرز كارتىسى، كىرېدىت كارتىسى بويىچە پەرقلىق ھەق ھېسابلايدىكەن. قەرز كارتىسىنىڭ ھەق ئېلىش نىسبىتى سودا سوممىسىنىڭ %0.35دىن ئاشمايدىكەن، يەككە ھەق ئېلىش سوممىسى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 13 يۈەن بولىدىكەن؛ كىرېدىت كارتىسىنىڭ ھەق ئېلىش نىسبىتى %0.45تىن ئاشمايدىكەن، ئەڭ يۇقىرى ھەق ئېلىش چېكى يوقكەن.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق قارىدى: بۇ قېتىم بانكا كارتىسى كارتا سۈرتۈش رەسمىيەت ھەققىنىڭ تۆۋەنلىتىلىشى سودىگەرلەرنىڭ تىجارەت تەننەرخىنى بىۋاسىتە تۆۋەنلىتىدۇ، يېمەك-ئىچمەك قاتارلىق ساھەلەردىكى سودىگەرلەر كۆپرەك نەپكە ئېرىشىدۇ. لېكىن كىرېدىت كارتىسى يەككە ھەق ئېلىش سوممىسىغا «ئەڭ يۇقىرى چەك» قويماسلىقتەك بەلگىلىمە ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش قاتارلىق يۇقىرى سوممىلىق ئىستېمالغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.

  مۇخبىرنىڭ بايقىشىچە، بۇ قېتىم بانكا كارتىسى كارتا سۈرتۈش رەسمىيەت ھەققىنىڭ تۆۋەنلىتىلىشى سودىگەرلەرنىڭ تىجارەت تەننەرخىنى بىۋاسىتە تۆۋەنلىتىدىكەن، يېمەك-ئىچمەك قاتارلىق ساھەلەردىكى سودىگەرلەر كۆپرەك نەپكە ئېرىشىدىكەن.

  دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، خەلق بانكىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: دەسلەپكى مۆلچەر ھېسابلاشقا قارىغاندا، سىياسەت يولغا قويۇلغاندىن كېيىن سودىگەرلەر يىلدا كارتا سۈرتۈش رەسمىيەت ھەققى چىقىمى بويىچە 7 مىليارد 400 مىليون يۈەن تېجەپ قالىدىكەن. سىياسەت تەڭشەلگەندىن كېيىن ئوخشىمىغان ساھەدىكى سودىگەرلەرنىڭ مەنپەئەتلىنىش دەرىجىسى بەلگىلىك پەرقلىنىدۇ. يېمەك-ئىچمەك قاتارلىق ساھەلەردىكى سودىگەرلەرنىڭ قەرز كارتىسى، كىرېدىت كارتىسى سودىسىنىڭ كارتا تارقاتقۇچى بانكا مۇلازىمەت ھەققى، تور مۇلازىمەت ھەققى نىسبىتى بىرلىشىپ %53تىن %63كىچە تۆۋەنلەيدۇ، تۈرلۈك مال قاتارلىق ساھەلەردىكى سودىگەرلەرنىڭ %23تىن %39كىچە تۆۋەنلەيدۇ.

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر