باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇ يىل 23 قېتىم ئالاھىدە زور ۋەقە يۈز بەردى

2016.09.06 15:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى 5- سېنتەبىر ئۇچۇر ئېلان قىلىپ، 2016- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 8- ئاينىڭ 28- كۈنىگىچە، مەملىكەت بويىچە جەمئىي 23 قېتىم ئالاھىدە زور بىخەتەرلىك ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىنى،384 كىشىنىڭ ئۆلگەن ۋە ئىز دېرىكى بولمىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئۈچ قېتىم، 170 كىشى ئازلىغانلىقىنى، ئايرىم ھالدا %11.5 ۋە %32.8 ئازايغانلىقىنى بىلدۈردى.

  بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى تاشيول-ترانسىپورت، كۆمۈر كان، سۇ ئۈستى قاتارلىق ئۈچ ساھەدە ئالاھىدە زور ۋەقەلەرنىڭ كۆپ يۈز بەرگەنلىكىنى، ئومۇمىي ساننىڭ %73.9نى ئىگىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇنىڭ ئىچىدە تاشيول ترانسىپورت كەسپىدە بىر قېتىم ئالاھىدە زور ۋەقە، بەش قېتىم زور ۋەقە يۈز بېرىپ، بۇ يىلدىكى ئالاھىدە زور ۋە زور ۋەقەلەر ئومۇمىي سانىنىڭ %26.1نى ئىگىلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

  بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى ۋەقە يۈز بەرگەن رايونلارنىڭ خەلق ئاممىسىغا مەسئۇل بولۇشتەك يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق پوزىتسىيەسى بىلەن، مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرنىڭ تەلىپىگە قەتئىي ئەمەل قىلىپ، ۋەقەلەرنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ ئاساسىي گەۋدە مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى تەلەپ قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر