باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

G20 جۇڭگو خەلقىگە كۈتۈشكە ئەرزىيدىغان قانداق «پاراۋانلىق»لارنى ئېلىپ كېلىدۇ؟

2016.09.06 15:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پۈتۈن دۇنيا نەزىرىنى تىككەن G20 خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنى ئېچىلىپ، نۇرغۇن دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ، تۈرلۈك قىسقا ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك سىياسىي، ئىقتىسادىي تەرەققىيات مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشنى مۇزاكىرىلەشتى. بۇ قارالمىلار قارىماققا بىزدىن يىراق تۇرغىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە ھەر بىر جۇڭگو پۇقراسىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك. يىغىن مەزگىلىدە چىقارغان ئالاقىدار تەدبىرلەر جۇڭگو خەلقىگە كۈتۈشكە ئەرزىگۈدەك قانداق ئەمەلىي نەپلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ؟ G20 باشلىقلار يىغىنى بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟

  خەلق پۇلىدىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلانغىلى بولىدۇ

  پۇقرالار ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان «پۇل» مەسىلىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، G20 نۇقتىلىق مۇزاكىرىلەشكەن خەلقئارا پۇل سىستېمىسى ئىسلاھاتى، خەلق پۇلىنىڭ خەلقئارادىكى ئورنىنى كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىدۇ ۋە خەلق پۇلىنى ئېلىشنى خالايدىغان بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن جۇڭگو پۇقرالىرى چېگرادىن چىقىپ ساياھەت قىلىش، مەبلەغ سېلىش، مال سېتىۋېلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشىپ، قولايلىق ئېلىپ كېلىدۇ.

  پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشتۈرىدۇ

  كىچىك، مىكرو كارخانىلار، يېزا پۇقرالىرى، نامرات ئاھالىلەر قەرز ئېلىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىگە يولۇققاندا قانداق قىلىدۇ؟ بۇ يىللىق G20 خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنى ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن ئەلنەپ پۇل مۇئامىلە قارالمىلىرى بۇ قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىدۇ.

  جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يى گاڭ يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن B20 ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ئەلنەپ پۇل مۇئامىلىسى، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنىڭ سىغدۇرۇشچانلىقىنى كۈچەيتىش دېگەنلىك بولۇپ، چەت چېگرا رايون، يېزىلاردىكى ئامما ۋە تۆۋەن كىرىملىك كىشىلەرنى ئەڭ ئاساسلىق پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىدىن بەھرىلەندۈرىدۇ.

  سودا تېخىمۇ قولايلىقلىشىپ، باھا تېخىمۇ ئەرزان بولىدۇ

  ئىمپورت مەھسۇلاتلىرى باھاسىنىڭ ئەرزان، تۈرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ، ئوبوروتىنىڭ تېخىمۇ تېز بولۇشى كەڭ ئىستېمالچىلار بولۇپمۇ چەت ئەل مېلى سېتىۋالغۇچىلار، توردا مال سېتىۋالغۇچىلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى. G20 خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىشى بىلەن ئۇلارنىڭ ئارزۇسى ئاستا-ئاستا رېئاللىققا ئايلانماقتا.

  G20 خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىنىڭ ساھىبخانى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو سودىنى مالىيە ۋە پۇل مۇئامىلە سىياسىتى بىلەن ئوخشاش مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ مۇزاكىرە قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى. G20 غا ئەزا دۆلەتلەر بۇ يىل 7-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن سودا مىنىستىرلىرى يىغىنىدا، جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان «G20 دۇنيا سودا ئىقتىسادىنى ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيەسى» بويىچە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، بۇ ئىستراتېگىيەدە سودا تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش، مۇلازىمەت سودىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش، سودىدا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىش قاتارلىق يەتتە چوڭ ھەمكارلىق تۈۋرۈكىنى بېكىتتى ۋە قاراتمىلىق سىياسەت پىرىنسىپى ۋە ھەرىكەت تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر