باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پۇتىن بىلەن ئوباما خاڭجۇدا سۇرىيە مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى

2016.09.06 15:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خاڭجۇدا 20 دۆلەت گوروھى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان رۇسىيە زوڭتوڭى پۇتىن بىلەن ئامېرىكا زوڭتوڭى ئوباما 5- سېنتەبىر باشلىقلار يىغىنى ئارىلىقىدا سۆھبەتلەشتى. ئاشكارىلىنىشىچە، ئىككى تەرەپ ئاساسلىقى سۇرىيە مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان.

  رۇسىيە زوڭتوڭىنىڭ ئاخبارات كاتىپى پېسكوف پۇتىننىڭ ئوباما بىلەن سۇرىيەدىكى توقۇنۇش ۋە ئۇكرائىنا كىرىزىسى قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى، سۆھبەتنىڭ بىر سائەتتىن كۆپرەك داۋاملاشقان بولۇپ، «مۆلچەردىكىدىن ئېشىپ كەتكەن»لىكىنى ئېيتتى. ئىگىلىنىشىچە، ئىككى رەھبەر سۆھبەتتە سۇرىيەدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى سۆھبىتىنى داۋاملاشتۇرۇشقا قوشۇلغان ھەمدە ئۆز خىزمەت گۇرۇپپىلىرىدىن ئىمكانقەدەر مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرلىرى يەنە بىر قېتىم كېلىشىمنىڭ تەرەققىياتى ھەققىدە سۆھبەتلىشىشىنى تەلەپ قىلغان.

  خەۋەر قىلىنىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى كېررى بىلەن رۇسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرى رافلوف بۇنىڭدىن ئىلگىرى سۇرىيە مەسىلىسى ئۈستىدە نەچچە قېتىم سۆھبەتلەشكەن بولسىمۇ، ئىككى تەرەپ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئۈستىدە ئۇدا بىرلىككە كېلەلمىگەن.

  سۇرىيە مەسىلىسى بويىچە جەنۋە تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچلۇق سۆھبىتى بۇ يىل 4- ئايدا ئاياغلاشقاندىن كېيىن، سۇرىيە چېگراسى ئىچىدىكى بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى تېز يامانلاشتى، ئامېرىكا-رۇسىيە باشلامچىلىقىدا بۇ يىل ئىككىنچى ئايدا تۈزۈلگەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ھازىر پەقەت قۇرۇق نامىلا قالدى. بۇ ئۈچىنچى قېتىملىق تېنچلىق سۆھبىتىنىڭ ھازىرغا قەدەر كونكېرت ۋاقتىنى بېكىتەلمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئامېرىكا-رۇسىيە ئىككى تەرەپ يېقىندا سۇرىيەدە ئۇرۇش توختىتىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە قۇتقۇزۇش يوللىرىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىقلار ئۈستىدە سۆھبەتلەشكەن بولسىمۇ، بىراق بىر قىسىم مەسىلىلەردە يەنىلا ئىختىلاپ مەۋجۇت بولماقتا.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر