باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەت بويىچە تەقدىرلىنىدىغان ئىلغار پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىلىرى ئوبيېكتىنى تولۇقلاش ئۇقتۇرۇشى

2016.06.03 14:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 31-كۈنىگىچە، مەركىزىي تەشكىلات بۆلۈمى تەقدىرلىنىدىغان مەملىكەتلىك ئىلغار پارتىيە ئەزاسى، ئىلغار پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىسى، ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئوبيېكتلىرىنى ئېلان قىلغان ئىدى. تەقدىرلەش خىزمىتىنىڭ ئېھتىياجى بويىچە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، بىر نەپەر مەملىكەتلىك ئىلغار پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىسى ئوبيېكتىنى تەقدىرلەش ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، تولۇقلاپ ئېلان قىلىندى. ئېلان قىلىش ۋاقتى: 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى سائەت نۆلدىن، 6-ئاينىڭ 7-كۈنى سائەت 24 كىچە. بۇ ئارىلىقتا، ئەگەر بۇ تەقدىرلەش ئوبيېكتىغا قارىتا باشقىچە پىكىر بار بولسا، مەركىزىي تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ پاش قىلىش مەركىزىگە ئىنكاس قىلىشقا بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەھۋالنى ئېنىقلاش ۋە نەتىجىنى ئۇقتۇرۇشقا قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن، پاش قىلغۇچى ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئىسىم-فامىلىسى ۋە خىزمەت ئورنىنى ئېيتىشى ياكى يېزىپ قويۇشى لازىم.

  مەملىكەت بويىچە ئىلغار پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىلىرىنى تەقدىرلەشتىكى تولۇقلانغان ئوبيېكت:

  پېڭ گۈيچىن، ئايال، خەنزۇ، 1965-يىلى 7-ئايدا تۇغۇلغان، 1986-يىلى پارتىيەگە كىرگەن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى توقسۇن ناھىيەلىك بىرىنچى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مۇدىرى، پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر