باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يەرلىك بىلەن بىڭتۈەن بىرلەشمە ھەرىكەت قوللىنىپ قۇلىستاي ئوتلىقىنى قوغدىدى

2016.06.03 14:47         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى نەيىم ياسىن گۇرۇپپا باشلىقلىقىدىكى 2016 - يىللىق تەڭرىتاغ مۇھىت ئاسراش سەپىرى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ 1 - گۇرۇپپىسى 29 - مايدىن 1 - ئىيۇنغىچە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ ساۋەن ناھىيەسى، شىخۇ شەھىرى، دۆربىلجىن ناھىيەسىدە ھەم بىڭتۈەن 9 - شىسىدا تەكشۈرۈشتە بولدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ئەركىنجان تۇراخۇن 1 - ئىيۇن ئۆتكۈزۈلگەن تارباغاتاي ۋىلايىتى ۋە بىڭتۈەن 9 - شىسىنىڭ مۇھىت ئاسراش ئەھۋالىغا دائىر دوكلات بېرىش يىغىنىغا قاتناشتى.

  بىڭتۈەن 9 - شىسى پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن شىجاڭى جاڭ جيەنشيۇڭ 9 - شىنىڭ مۇھىت ئاسراش خىزمىتى توغرىسىدا دوكلات بەرگەندە: «9 - شى شىتابى تۇرۇشلۇق دۆربىلجىن ناھىيەسى <چاۋياڭ> يېڭى رايونى بىلەن دۆربىلجىن ناھىيە بازىرى رايونىدىن چىقىرىلىدىغان پاسكىنا سۇ قۇلىستاي ئوتلىقىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىغا مەلۇم تەسىر كۆرسەتتى. بۇ يىل 9 - شى چاۋياڭ يېڭى رايونى دۆربىلجىن ناھىيەسى بىلەن جەمئىي 170 مىليون يۈەن مەبلەغ چىقىرىپ، پاسكىنا سۇ بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتى قۇردى، زاۋۇتنىڭ كۈندە پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى 30 مىڭ كۇب مېتىرغا يېتىدۇ»، دېدى.

  ئىگىلىشىمچە، بۇ تارباغاتاي ۋىلايىتى بىلەن بىڭتۈەن 9 - شىسىنىڭ بىرلەشمە ھەرىكەت قوللىنىپ، قۇلىستاي ئوتلىقىنى قوغداش ئۈچۈن قىلغان خىزمىتى ئىكەن. قۇلىستاي ئوتلىقى چۆچەك - دۆربىلجىن ئويمانلىقىنىڭ مۇھىم ئېكولوگىيەلىك توسۇقى بولۇپ، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىدىن بۇيان، قالايمىقان ئېچىپ ئۆزلەشتۈرۈش ۋە چارۋىنى زىيادە بېقىش قاتارلىق سەۋەبلەردىن قۇلىستاي ئوتلىقىنىڭ ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارى چېكىنىپ كەتكەن.

  بۇلتۇردىن بۇيان، تارباغاتاي ۋىلايىتى بىلەن بىڭتۈەن 9 - شىسى ئاكتىپ ماسلىشىپ ۋە ئالاقىلىشىپ، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ ھەمتۈرتكىلىك مېخانىزمنى ئورنىتىپ، قۇلىستاي ئوتلىقىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى تەڭ قوغدىدى. تارباغاتاي ۋىلايىتى بىلەن 9 - شىسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، 9 - شى بىلەن ناھىيە - شەھەر ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇردى ھەم كۆپ قېتىم يىغىن ئېچىپ، قۇلىستاي ئوتلىقىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى پىلانلىدى. تارباغاتاي ۋىلايىتى قۇلىستاي ئوتلىقىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئومۇمىي پىلانىنى ئورۇنداپ، يىل ئىچىدە تېرىلغۇ يەرنى ئازايتىش، «قۇدۇق بىلەن توكنى تەڭ كونترول قىلىش»، كەلكۈن باشلاش ئۆستىڭى چېپىش، دەريا يولىدىكى قۇم مەيدانلىرىنى تازىلاش، پاسكىنا سۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تېزگىنلەش، ئېكولوگىيەلىك كۆچۈرۈش قاتارلىق ئون نوقتىلىق ۋەزىپىنى ئورۇندىماقچى. ھازىر، تارباغاتاي ۋىلايىتى تېرىلغۇ يەردىن 146 مىڭ مو يەرنى ئازايتتى، قۇدۇقتىن 206نى، قۇم مەيدانىدىن 12نى توختاتتى؛ ئاپتونوم رايون بويىچە ئالدى بىلەن «قۇدۇق بىلەن توكنى تەڭ كونترول قىلىش»نى باشلاپ، سۇ باھاسى ئىسلاھاتى قاتارلىق ئۇنىۋېرسال تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، قۇدۇق تورى ئۇچۇرى سانلىق ئامبىرى قۇرۇپ، قۇلىستاي ئوتلىقىدا يەر ئاستى سۈيىنى زىيادە چىقىرىشنى ئۈنۈملىك توسۇپ، تېرىلغۇ يەرنى ئازايتىش، سۇ ئىشلىتىشنى ئازايتىش، ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈردى.

  تارباغاتاي ۋىلايىتى يەنە «بوز يەر ئېچىشنى قەتئىي مەنئى قىلىش چارىسى»،«بوروۋوي قۇدۇق، توك قۇدۇقلارنى باشقۇرۇش چارىسى(ۋاقىتلىق يولغا قويۇلىدۇ)»قاتارلىق نىزام ۋە قېلىپلاشقان ھۆججەتلەرنى بېكىتىپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭىدىن يەر ئېچىش، قانۇنسىز قۇدۇق قېزىش ۋە تەبىئىي مۇھىتقا، ئورمان بايلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش قاتارلىق قىلمىشلارنى قاتتىق مەنئى قىلدى.

  9 - شى «قۇلىستاي ئوتلىقىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدىكى يېقىن ۋە ئوتتۇرا مەزگىللىك خىزمەت پىلان لايىھەسى»، «قۇلىستاي ئوتلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش 2016 - يىللىق خىزمەت لايىھەسى»نى بېكىتىپ، قۇلىستاي ئوتلىقىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە تۈزەشكە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ چىقتى. ھازىرغىچە 5059 مو تېرىلغۇ يەرنى ئازايتتى؛ «قۇدۇق قېزىشنى قاتتىق تىزگىنلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، يېڭىدىن قۇدۇق قېزىش، قۇدۇق يېڭىلاشنى ئېنىق بەلگىلەپ، بوروۋوي قۇدۇقتىن 15نى ئېتىۋەتتى.

  ئۇنىڭدىن باشقا،ئىگىلىشىمچە يەنە تارباغاتاي ۋىلايىتى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش بويىچە نىزام چىقىرىش خىزمىتىنى تېزلىتىۋېتىپتۇ، «قۇلىستاي ئوتلىقىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش نىزامىى(لايىھەسى)»، «چۆچەك شەھىرىدىكى بەش دەريا ئېقىننىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش نىزامى(لايىھەسى)»يېقىندا ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلىدىكەن. 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر