باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ئائىت ئەمەلىي خاتىرە

−ئېلىمىزدىكى ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر «شىنجاڭنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئەھۋالى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتاب ئۈستىدە توختالدى

2016.06.03 14:49         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 2- ئىيۇن «شىنجاڭنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئەھۋالى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلىپ، دۇنيا خەلقىگە شىنجاڭنىڭ پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش، دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش، دىنىي ئەسەبىيلىكتىن ساقلىنىش ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىشكە دائىر ئەھۋاللىرىنى ئومۇميۈزلۈك تونۇشتۇردى، بۇ جۇڭگو ۋە چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ يۈكسەك دىققەت- ئېتىبارىنى قوزغىدى.

  ئاق تاشلىق كىتابنىڭ ئېلان قىلىنىشىنىڭ قانداق ئەھمىيىتى بار؟ شىنجاڭنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى قانداق ئالاھىدىلىككە ئىگە؟ شىنجاڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشتا قانداق ئۈنۈملۈك تەجرىبىلەرگە ئېرىشتى؟ ... ئېلىمىزنىڭ دىن ساھەسى، فۇنكسىيەلىك تارماقلىرى، ئىجتىمائىي پەنلەر ساھەسىدىكى ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئاق تاشلىق كىتابنى چوڭقۇرلاپ يېشىپ بەردى.

  ئاق تاشلىق كىتابتا ھەقىقەت ئەمەلىيەتتىن ئىزدەلگەن بولۇپ، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن

  «بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان ئاق تاشلىق كىتاب ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە» دېدى جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى دۇنيا دىن تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جېڭ شياۋجۈن. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ ئېلىمىزنىڭ شىنجاڭنىڭ دىن ئىشلىرىنى تېما قىلىپ چىقارغان تۇنجى ئاق تاشلىق كىتابى بولۇپ، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى «جۇڭگونىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئەھۋالى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئالدىنقى نۆۋەت بۇنىڭدىن 20 يىل بۇرۇن ئېلان قىلغانىدى.

  جېڭ شياۋجۈن مۇنداق دېدى: شىنجاڭ كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان رايون بولۇپ، تارىختىن بۇيان دىنلار مۇناسىۋىتى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇپ كەلگەن. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن شىنجاڭ پارتىيەنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇردى ۋە ئەمەلىيلەشتۈردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭ نۇرغۇن ئۈنۈملۈك خىزمەت ئىشلەپ، پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇقىغا يەنىمۇ ھۆرمەت قىلدى ۋە ئۇنى قوغدىدى، بۇ ئاق تاشلىق كىتابتا ئوبيېكتىپ ئەكس ئەتتۈرۈلدى.

  «كۆپ يىللىق تەرەققىيات ۋە ئىلگىرىلەش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئەھۋالىدا زور ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى، دەل مۇشۇنداق پەيتتە ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلىپ، دۇنياغا شىنجاڭنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى بىلدۈرۈش ئىنتايىن زۆرۈر»، دېدى جېڭ شياۋجۈن.

  جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، قوشۇمچە باش كاتىپى گو چېڭجېن مۇنداق دېدى: ئاق تاشلىق كىتاب شىنجاڭنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئۇيغۇن بولۇپلا قالماي، يەنە كىشىلەرگە شىنجاڭنىڭ دىن تارىخى ۋە ھازىرقى ئەھۋالىنى، شىنجاڭنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى قانداق ئىزچىللاشتۇرغانلىقىنى ئەينەن ئېيتىپ بېرىدۇ، ئاق تاشلىق كىتاب شىنجاڭنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئەمەلىي خاتىرە بولۇپ، دۇنيانىڭ شىنجاڭنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى ئىگىلىشىگە پايدىلىق.

  «ئەمەلىيەتتە، خەلقئارادا نۇرغۇن كىشى جۇڭگو ۋە شىنجاڭنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئەھۋالىنى بىلمەيدۇ، نۇرغۇن ئەمەلىي ئەھۋاللار بۇرمىلانغان، ئاق تاشلىق كىتابنىڭ ئېلان قىلىنىشى بىلەن سىرتتىكىلەرنىڭ چۈشىنىكسىز مەسىلىلىرىگە ناھايىتى ئاشكارا ۋە ئىشەنچ بىلەن جاۋاب بېرىلدى»، دېدى گو چېڭجېن.

  شىنجاڭنىڭ دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش نەتىجىلىرى كۆرۈنەرلىك

  ئاق تاشلىق كىتاب شىنجاڭنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك تونۇشتۇردى، بۇنىڭ ئىچىدە دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش جەھەتتە يېڭىلىق يارىتىلغان تەدبىرلەر ناھايىتى كۆپ بولدى ھەم ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتى.

  «شىنجاڭ ‹قانۇنلۇقلىرىنى قوغداش، قانۇنسىزلىرىنى چەكلەش، سىڭدۈرمىچىلىكنى توسۇش، جىنايەتكە زەربە بېرىش› پىرىنسىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دىن ئىشلىرىنى باشقۇردى. بۇ ناھايىتى ياخشى ئىزدىنىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش بولدى، شىنجاڭنىڭ يېقىنقى يىللاردىكى ئەمەلىيىتىگە قارىغاندا، بۇ پىرىنسىپ كۆزلىگەن ئۈنۈمگە ئېرىشتى»، دېدى دۆلەت دىن ئىشىلىرى ئىدارىسى 3- مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ما جىن.

  ما جىن ئۇزاق يىل دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ۋە تەتقىق قىلىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان، ئۇ شىنجاڭنىڭ دىن تارىخى ۋە ھازىرقى ئەھۋالىنى بەش قولدەك بىلىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: يېقىنقى نەچچە يىلدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

  ما جىن مۇنداق دېدى: شىنجاڭ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق بەلگىلىمىسى»، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دىنىي پائالىيەتلەرنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق بەلگىلىمىسى»، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دىن خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىملارنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق بەلگىلىمىسى»، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دىن ئىشلىرى نىزامى» قاتارلىق نىزام- بەلگىلىمىلەرنى ئېلان قىلىپ ۋە بۇلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، شىنجاڭنى دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنى باشقۇرۇش، دىنىي پائالىيەتلەرنى باشقۇرۇش، دىن خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىملارنى باشقۇرۇش، مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ مەمۇرىي ھەرىكەتلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش، دىندىن پايدىلىنىپ قىلىنغان قانۇنسىز جىنايى قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە جازالاش ۋە بىر تەرەپ قىلىش جەھەتتە تايىنىدىغان قانۇنغا ئىگە قىلدى، دىن خىزمىتىنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىدە كۆرۈنەرلىك ئۆسۈش بولدى.

  گو چېڭجىن مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭ باشقۇرۇش بىلەن مۇلازىمەت قىلىشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى ئۈنۈملۈك قوغدىدى، نورمال دىنىي پائالىيەتلەر تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلدى. بۇ نەتىجىلەرنى ھەممە كۆردى، دىن ساھەسىدىكى زاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئامما تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى.

  «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش»تە ئاداققىچە چىڭ تۇرۇش كېرەك

  «دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە تولۇق ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى قوغداش، دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ يامرىشىنى چەكلەش شىنجاڭنىڭ يېقىنقى نەچچە يىلدىكى دىن خىزمىتىنىڭ يارقىن نۇقتىسى»، دېدى جېڭ شياۋجۈن.

  ئۇ مۇنداق دېدى: دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ مۇئەييەن دىن بىلەن ھېچقانداق بىۋاسىتە ئالاقىسى يوق، شۇنىڭدەك مۇئەييەن مىللەت بىلەنمۇ بىۋاسىتە ئالاقىسى يوق. مەسىلەن: سىرى لانكىدا بۇددا دىنى دىن ئەسەبىيلىكى، شىمالىي ئىرېلاندىيەدە خىرىستىيان دىنى دىن ئەسەبىيلىكى، ھىندىستاندا ھىندى دىنى دىن ئەسەبىيلىكى مەۋجۇت. شىنجاڭدا «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش نورمال دىنىي پائالىيەتلەرنى قوغدىغانلىق ھەم پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قوغدىغانلىق، بۇ شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىغا، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈشىگە پايدىلىق بولۇپ، ھەر مىللەت خەلققە تېخىمۇ كۆپ بەخت يارىتىدۇ ھەم دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى قوغداشقا تۆھپە قوشىدۇ.

  گو چېڭجېن مۇنداق دېدى: دىنىي ئەسەبىيلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا، دىنلار ئىناقلىقىغا قارشى بولۇپ، بارلىق دىن ھەم ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، شۇڭا ئۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرۇش كېرەك، ئىسلام دىنى تىنچلىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان دىن، جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتى شىنجاڭنىڭ «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» خىزمىتىنى ئىنتايىن قوللايدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭ ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇرا يول تۇتۇش ئىدىيەسىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، دىن ئەسەبىيلىكى سەپسەتىلىرىنى قاتتىق قامچىلىدى.

  شىنجاڭدا دىن كۆپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما كۆپ. توغرا دىن ئىدىيەسى دىننىڭ ساغلام راۋاجلىنىشىدا ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. دىن ئەسەبىيلىكى دىننى قالقان قىلىپ، دىن ئەقىدىسىنى خالىغانچە بۇرمىلىدى، ئۇ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىق ئۈچۈن زور خەۋپ، شۇڭا ئۇنى قەتئىي چەكلەپ ۋە ئۇنىڭغا قاتتىق زەربە بېرىپ، «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش»خىزمىتىنى ئاداققىچە قانات يايدۇرۇش كېرەك.

  ما جىن مۇنداق دېدى: دۆلەت دىن ئىشلىرى ئىدارىسى شىنجاڭنىڭ «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» خىزمىتىگە داۋاملىق مەدەت بېرىدۇ، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر تەرەپنىڭ كۈچىنى سەپەرۋەر قىلىپ، دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىنى چەكلەپ، ئىناق، ساغلام دىنىي كەيپىيات يارىتىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر