باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئارخىپ يوللىغاندا بۇنىڭدىن كېيىن مەمۇرىي (مائاش) تونۇشتۇرۇش خېتى يېزىلمايدۇ

2016.06.03 14:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۆنۈگۈن ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى «كۆچمە خادىملارنىڭ ئاخىپىنى باشقۇرۇش مۇلازىمىتىنى ئاددىيلاشتۇرۇش، ئەلالاشتۇرۇش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلدى. ئارخىپ باشقۇرۇش مۇلازىمىتى ئورگانلىرى ئارخىپ يوللىغاندا، بۇنىڭدىن كېيىن مەمۇرىي (مائاش) تونۇشتۇرۇش خېتى چىقارمايدۇ. خادىم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ياكى شۇ كىشى ئارخىپ يۆتكەشنى ئىلتىماس قىلغاندىن باشقا، ھازىر ساقلىنىۋاتقان كۆچمە خادىملارنىڭ ئارخىپىنى ھەر قانداق سەۋەب بىلەن قايتۇرۇشقا بىردەك يول قويۇلمايدۇ.

  ئارخىپنى قۇبۇل قىلىشتا بىلدۈرۈش، ۋەدە بېرىش تۈزۈمى قوللىنىلىدۇ. كەم بولغان ھالقىلىق ماتېرىياللارغا قارىتا، كەم قالغان ماتېرىياللار ۋە ئۇلارنىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان تەسىرىنى بىر قېتىم دەپ قويۇش، ئارخىپ ئىگىسى ئەھۋالنى بىلگەنلىك ھەققىدىكى يازما چۈشەندۈرۈش چىقىرىپ، ماتېرىياللارنى تولۇقلاشقا ۋەدە قىلغاندىن كېيىن قۇبۇل قىلىشقا بولىدۇ، ياكى ئەسلىدىكى خىزمەت ئورنى بىلەن كېڭىشىپ ئارخىپنى قايتۇرۇپ، ماتېرىياللارنى تولۇقلاشقا بولىدۇ. ھالقىلىق بولمىغان كەم قالغان ماتېرىياللارغا قارىتا، ئالدى بىلەن قۇبۇل قىلىپ، ئاندىن تولۇقلاش شەكلىدە قۇبۇل قىلىنىدۇ. ھالقىلىق ماتېرىياللار ئادەتتە ئارخىپى ساقلانغۇچىنىڭ تۇغۇلغان يىل، ئاي، كۈنىنى، خىزمەتكە قاتناشقان ۋاقتىنى، پارتىيەگە كىرگەن ۋاقتىنى، ئوقۇش تارىخى، ئىلمىي ئۇنۋانى، خىزمەت تارىخى قاتارلىق مۇھىم ئۇچۇرلارنى ئېنىقلاشقا ئىشلىتىلىدىغان ماتېرىياللارنى كۆرسىتىدۇ.

  بۇنىڭدىن باشقا، «ئۇقتۇرۇش»تا، ئۆلكە دەرىجىلىك، ۋىلايەت، شەھەر دەرىجىلىك ئارخىپ باشقۇرۇش مۇلازىمەت ئورگانلىرىنىڭ ئارخىپ باشقۇرۇش مۇلازىمىتىنى مەجبۇرىي يولغا قويۇشقا بولمايدىغانلىقى، خادىم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ياكى شۇ كىشى ئارخىپ يۆتكەشنى ئىلتىماس قىلغاندىن باشقا، ھازىر ساقلىنىۋاتقان كۆچمە خادىملارنىڭ ئارخىپىنى ھەر قانداق سەۋەب بىلەن قايتۇرۇشقا بىردەك يول قويۇلمايدىغانلىقى تەكىتلەندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر