باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شەنشى ئۆلكىسى يېزا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش تۈزۈمىنىڭ يېڭى تەدبىرىنى تۈزۈپ چىقتى

نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئامبۇلاتورىيەدە ئادەتتىكى داۋالىنىش خىراجىتىنىڭ ھەممىسى ئاتچوت قىلىنىدۇ

2016.06.02 16:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، «شەنشى ئۆلكىسىنىڭ يېزا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش تۈزۈمى بويىچە نامراتلارنى يۆلەش ساغلاملىق خىزمىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى» ئېلان قىلىندى. 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، يېزا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشقا قاتناشقان نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئامبۇلاتورىيەدە ئادەتتىكى داۋالىنىش خىراجىتى يېزا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش بويىچە ھەممىسى ئاتچوت قىلىنىدۇ، ئۆز ئۈستىگە ئالىدىغان قىسمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ.

  «لايىھە» يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، شەنشى ئۆلكىسىدىكى بىر تۇتاش پىلانلاش يولغا قويۇلغان بارلىق رايونلاردىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرىدا يېزا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشقا قاتناشقان نامرات ئاھالىلەر بالنىستتا يېتىپ داۋالانسا، چىقىم قىلىش ئۆلچىمى قويۇلمايدۇ، بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولغان خىراجەتنىڭ ھەممىسى يېزا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش تۈزۈمىگە كىرگۈزۈلۈپ ئاتچوت قىلىنىدۇ؛ يېزا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشقا قاتناشقان نامرات ئاھالىنىڭ بالنىستتا يېتىپ داۋالانغان خىراجىتىنى ئاتچوت قىلدۇرۇش نىسبىتى بەش پىرسەنت پوئىنت ئاشۇرۇلىدۇ؛ سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللەرنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئاتچوت قىلىنىش نىسبىتى ئاز دېگەندە ٪ 20 ئاشۇرۇلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئېغىر كېسەللەرنى كاپالەتلەندۈرۈش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، چىقىم قىلىنىش ئۆلچىمى ھازىرقى ئۆلچەم ئاساسىدا % 50 چۈشۈرۈپ ئىجرا قىلىنىدۇ؛ مېيىپلەرنىڭ ئاتچوت قىلىنىش دائىرىسى كېڭەيتىلىپ، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئومۇمىي جەھەتتىن باھالاش قاتارلىق 20 تۈر ئاتچوت قىلىنىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ. ناھىيە، يېزا بالنىستتا يېتىش رەنە پۇلى تاپشۇرۇش ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ ھەم ئۆلكە، شەھەرلەردە بالنىستتا يېتىپ داۋالانغاندا، رەنە پۇلىنىڭ يېرىمى كېمەيتىلىپ، يېزا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشقا قاتناشقان نامرات ئاھالىلەرگە ئەڭ زور دەرىجىدە قولايلىق يارىتىپ بىرىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر