باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئاپتونوم رايوننىڭ جاي-جايلىرىدا بالىلار بايرىمى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى

2016.06.03 14:38   مەنبە: خەلق تورى

ئاپتونوم رايوننىڭ جاي-جايلىرىدا بالىلار بايرىمى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: مۇيەسسەر ئاباھىمىت خەۋىرى) 1-ئىيۇل خەلقئارا بالىلار بايرىمىدا، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ھەر خىل شەكىلدە بايرام ئۆتكۈزۈلۈپ، سەبىي بالىلارنىڭ يىلدا بىر كېلىدىغان بايرىمى تەبرىكلىنىدۇ. بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۆزگىچە، ئەھمىيەتلىك بايرام ئۆتكۈزۈلۈپ، بالىلار تېخىمۇ خۇش قىلىندى.

  شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىلەن يەرلىكتىكى ھەر قايسى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىلىرى بالىلار سەنئەت كېچىلىكلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، ئۆز جايىدىكى بالىلارنىڭ تالانتىنى نامايان قىلىش بىلەن بىللە، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا يېڭىدىن يولغا قويغان «ئەقىل باغچىسى» بالىلار پىروگراممىسى بالىلار بايرىمىدا تېلېۋىزور ئارقىلىق شىنجاڭدىكى بالىلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى. «كۆرك ئېكرانى سەھنەم» بالىلار فېستىۋالى، «كىچىك چولپانلار» ئورۇنلىغان «ئىيۇن تەنتەنىسى» سەنئەت كېچىلىكى بالىلار بايرىمىنىڭ ئالدى-كەينىدە ئۈرۈمچى چوڭ بازار تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلۈپ، ئۈرۈمچىدىكى بالىلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشى بېيىتىلدى.

  شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۆسمۈر رەسساملار سىزغان رەسىملىرىدىن تاللانغان 40 پارچە ئەسەر فىرانسىيەدىكى «تەلەي كۇلۇبى»نىڭ بالىلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن «تىنچلىقنى سىزىپ بەر» تېمىسىدىكى خەلقئارا بالىلار رەسىم سىزىش مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرۇلۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 17 پارچە ئەسەر مۇكاپاتقا ئېرىشتى. مۇسابىقىگە قاتناشتۇرغان رەسىملەرنىڭ كۆپىنچىسىنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5-باشلانغۇچ مەكتەپ رەسىم كۇرژۇكىدىكى ئوقۇغۇچىلار سىزغان بولۇپ، ئۇلار بالىلار بايرىمىدا ئەڭ ئەھمىيەتلىك سوۋغا «خەلقئارالىق مۇكاپات»نى تاپشۇرۇپ ئالدى.

  جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفىسسورى ھوشۇر ئىسلام، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى مۇھەممەتجان ئەمەت قاتارلىقلار چاپچال ناھىيەسى كان يېزىلىق ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش بازىسى ۋە كان يېزا كېرەم كەنت ئوقۇتۇش نۇقتىسىغا بالىلار بايرىمىغا ئاتاپ 50 مىڭ يۈەنلىك كىتاب سوۋغا قىلدى. قەشقەر ھەدىيە كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن ئائىلە قىيىنچىلىقى ئېغىر، كۆز كېسىلى بار بالىلارنىڭ كېسىلىنى ھەقسىز كۆردى ھەم ئوپېراتسىيە قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنى ھەقسىز ئوپېراتسىيە قىلىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

  «بەرنا» مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى جەنۇبىي شىنجاڭ ۋە شىمالىي شىنجاڭ بالىلىرىغا بايرامنىڭ ئالدى-كەينىدە ناخشا-ئۇسسۇللىرى بىلەن خۇشاللىق ئاتا قىلدى. بەرنا، سۈرئەت، ئەلفىنۇر قاتارلىق ئۆسمۈر چولپانلار ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ غۇلجا شەھىرى ھەم غۇلجا ناھىيەسىدە غۇلجا بالىلىرى بىلەن بىللە ئويۇن قويۇپ، بالىلار يەسلىلىرىدە بالىلار بىلەن بىللە پائالىيەت قىلىپ، غۇلجا بالىلىرىنى قەۋەتلا خۇش قىلدى. بۇ بالىلار يەنە قەشقەر ۋىلايىتىدە قەشقەر شەھىرىدىكى ئۆسمۈر بالىلارغا بىر مەيدان ئويۇن قويغاندىن سىرىت، قەشقەر ھەدىيە كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىدا ئوپېراتىسيە قىلىنىش ئالدىدا تۇرغان بالىلار ۋە قەشقەر بالىلار پاراۋانلىقى مەركىزىدىكى بالىلارغا، نەزەرباغ يېزىسىدىكى، يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ ئاچچىق يېزىسىدىكى ئۆسمۈرلەرگە بىر مەيداندىن بايراملىق ھال سوراش ئويۇنى قويدى.

  قەشقەر «قادىر دادام پىدائىيلار ئەترىتى» بالىلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن شىنجاڭ ھەربىي رايون سەنئەت ئۆمىكىنىڭ دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك ناخشىچىسى دەلىلقان، ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ رىياسەتچىسى ئىسھاق سۇلايمان ۋە ئۇنىڭ بىر جۈپ قىزى ئىلزىبا، ئىلتۇمارلار بىلەن بىرلىكتە پەيزاۋات ناھىيەسى، يوپۇغا ناھىيەسى، يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ يېزا-قىشلاقلىرىدىكى ئالتە مەكتەپتە ھال سوراش ئويۇنى قويۇپ، 50 مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى، 50 مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى، 50 مۇنەۋۋەر ئانىلارنى مۇكاپاتلىدى.

  پىچان ناھىيەلىك بالىلار پاراۋانلىق ئورنىدىكى بالىلارمۇ باشقا بالىلارغا ئوخشاش ناھىيە رەھبەرلىرى، ساخاۋەتچى ئاتا-ئانىلىرى ھەم ئاكا-ھەدىلىرى بىلەن بايرامنى ئىنتايىن خۇشال ئۆتكۈزدى. بايرام كۈنى پاراۋانلىق ئورنىدا بالىلار ئۆزلىرى تەييارلىغان بىر نەچچە نومۇرلىرى بىلەن شىنجاڭ ئەنقەرە مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتىدىن كەلگەن سەنئەتكارلار ۋە ناھىيەلىك سەنئەت ئۆمىكىنىڭ سەر خىل نومۇرلىرىدىن ھۇزۇرلاندى. پىچان ناھىيەسىدىكى ھۇزۇر تېز تاماقخانىسى، شىنجاڭ دىيانەت پەن – تېخنىكا چەكلىك شىركىتى، پىچان ناھىيەلىك ئاياللار بىرلەشمىسىدىكى مېھرىبان ئانىلار ۋە تىجارەتچى كەرىمە خانىم بىلەن مەڭنىساگۈل خانىم، ناھىيەلىك 1–ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى گۈلنىسا خانىم قاتارلىقلارنىڭ بالىلارغا ئاتاپ تەييارلىغان بايراملىق سوۋغىلىرىنى تاپشۇرۇۋالدى.

  جەمئىيەتتىكى مېھىر-مۇھەببەتلىك كىشىلەرنىڭ ساخاۋەت قوللىرى ۋە سەر خىل نومۇرلىرى يىتىم-يېسىر، ئائىلە قىيىنچىلىقى ئېغىر بالىلارنىڭ كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرۇپ، بۇ يىلقى بايرامنى خۇشال-خۇرام، ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈشىگە تۈرۈتكە بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە ھەرقايسى ئۆلكە ( ئاپتونوم رايون، شەھەر )نىڭ 2016-يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان…
    ·بۈگۈندىن باشلاپ، دۆلەتلىك ئىمتىھاندا كۆچۈرمىكەشلىق قىلغانلارنىڭ ئۈچ يىلغىچە ئىمتىھانغا قاتنىشىشى چە…
    ·قازاق مىللىي ئۇنىۋېرسىتېتى- كۇڭزى ئىنستىتۇتىنىڭ جۇڭگولوق ئوقۇتقۇچىلىرى جۇڭگونىڭ ئالمۇتادا تۇرۇشلۇق …
    ·مائارىپنى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇپ، خەلققە نەپ يەتكۈزەيلى
    ·ئاپتونوم رايون ھەر يىلى 50 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، مائارىپنى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇشقا كا…
    ·نومۇر قوشۇش تۈرلىرى قىسقارتىلىدۇ
    ·ئاپتونوم رايونىمىز ھەر يىلى 50 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇ…
    ·ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىدىن ئېلىنىدىغان يېزىقچە سالاھىيەت ئىمتىھانى ھەر يىلى 3-ئاي ۋە…
    ·ئېلىمىزدە سەنئەت ساھەسىدە ماگىستىر تەربىيەلەش ئورنى 200 دىن ئاشتى
    ·مەملىكەت بويىچە يەنە 73 ساختا ئالىي مەكتەپ ئاشكارىلاندى