باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۆي ساتقان پۇل سوتتا نەقلەشتى

2016.06.03 14:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئونسۇ ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىدىن مەخمۇت ھوشۇر، ئابدۇۋېلىجان ئابدۇسالام خەۋىرى) 2015-يىلى 3-ئايدا ئەمەت ئۆزىنىڭ 90 كىۋادرات مېتىرلىق يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيىنى سەمەتكە 110 مىڭ يۈەنگە سېتىپ بېرىدىغان، سەمەت ئالدىن 50 مىڭ يۈەن بېرىپ ، قالغان 60 مىڭ يۈەننى مۇددەتكە بۆلۈپ بېرىدىغان بولۇپ، بىر پارچە ئۆي سېتىش-سېتىۋېلىش توختامى ئىمزالىغان ئىدى. كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن توختامدىكى دېيىشكەن مۆھلەت يېتىپ كەلگەن بولسىمۇ، سەمەت قالغان پۇلنى ئىزچىل ئارقىغا سۆرەپ بەرمىدى. سەمەتنىڭ يېنىغا پۇل سۈيلەپ ھارغان ئەمەت ئۆزىنىڭ ھوقۇقىنى قانۇن ئارقىلىق قوغدىمىسا بولمايدىغانلىقىنى ئاخىرى چۈشىنىپ يېتىپ، ئونسۇ ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە سەمەتنىڭ ئۈستىدىن: «ئوتتۇرىدا تۈزۈشكەن ئۆي سېتىش-سېتىۋېلىش توختامىنى بىكار قىلىپ، ئۆزى ئالدىن تاپشۇرۇۋالغان پۇلنى سەمەتكە قايتۇرۇپ بېرىپ، ئۆينى قايتۇرۇۋېلىش» توغرىسىدا ئەرز سۇندى .ئونسۇ ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى بۇ دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ، ئەمەت بىلەن سەمەتنى سوتقا چاقىرتىپ مۇرەسسە قىلىپ ياراشتۇرۇش ئارقىلىق، تۆۋەندىكىدەك كېلىشىم ھاسىل قىلدى: «ئەمەت بىلەن سەمەتنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئۆي سېتىش-سېتىۋېلىش توختامى داۋاملىق كۈچكە ئىگە بولۇپ ئىجرا قىلىنىدىغان، سەمەت تېخى بېرىپ بولالمىغان 60 مىڭ يۈەننى ئەمەتكە بىر قېتىمدا بېرىدىغان بولۇپ كېلىشىپ، سوت ئۈستىدە پۇل نەقلەشتۈرۈلدى».

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر