باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەندىكى بالىلار جىددىي ئېھتىياجلىق دورىلارنى ئىمپورت قىلىپ نۇقتىدا سىناق قىلىپ ئىشلىتىش جەھەتتە ئىزدىنىدۇ

2016.06.02 16:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى 1-ئىيۇن «تۇنجى تۈركۈمدە مەلۇم قىلىنغان تەتقىق قىلىشقا ئىلھام بېرىلىدىغان بالىلار دورىلىرى تىزىملىكى»نى بېسىپ تارقاتتى.

  سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى ئالاقىدار تارمىقىنىڭ مەسئۇلى: بۇ تىزىملىككە چېتىلىدىغان مەلۇم قىلىنغان دورىلارنى مەخسۇس تەكشۈرۈپ باھالاش يولى قۇرۇپ شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن رايونلىرىدا كۆپ يىل ئىشلىتىلگەن، كىلىنىكىلىق داۋالاش ئۈنۈمى ياخشى ھەم ئىشلىتىلىشى بىخەتەر، لېكىن ئىچكى رايونلاردىكى بازارلارغا سېلىنمىغان بالىلار جىددىي ئېھتىياجلىق دورىلارنى نۇقتىدا سىناق قىلىپ ئىشلىتىشنى، ئىمپورت قىلىنغان بالىلار دورىلىرىنى تىزىمغا ئالدۇرۇپ تەكشۈرۈپ باھالاشتا شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن رايونلىرىدىكى بالىلاردا كىلىنىكىدا ئىشلىتىلگەنلىكى مەلۇم قىلىنغان دورا سانلىق مەلۇماتىنى ئاساس قىلىپ ئىشلىتىشكە رۇخسەت قىلىدىغانلىقىنى، شۇ ئاساستا ئىزدىنىپ تەتقىق قىلىپ، باھالاش ۋە تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى تېزلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  بۇ مەسئۇل كىشى: نۆۋەتتە، جۇڭگودا بالىلار ساغلاملىقى ۋە دورا ئىشلىتىش سەۋىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈۋاتقانلىقىنى، ئاساسىي دورا ئەھۋالى تەدرىجىي ياخشىلانغانلىقىنى، ئەمما، بالىلارغا مۇۋاپىق دورا تىپى ئۆلچىمى كەمچىل، كارخانىلارنىڭ تەتقىق قىلىش ۋە ئىشلەپچىقىرىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى يېتىشمەسلىك قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ يەنىلا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، دۆلەت كىلىنىكىلىق ئېھتىياجغا ئاساسەن، چەت ئەلدە بازارغا سېلىنغان، لېكىن دۆلەت ئىچىدە تېخى تىزىمغا ئالدۇرۇپ بازارغا سېلىنمىغان بالىلارغا مۇۋاپىق دورا تىپى ئۆلچىمىنى رەتلەپ چىقىپ، بۇ تىزىملىكنى تۈزۈپ چىققانلىقىنى، بۇ بالىلار دورىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساشقا يېتەكلەشتە پايدىلىق بولۇپ، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى مۇۋاپىق تەشكىللەپ، بالىلارغا مۇۋاپىق دورا تىپى ۋە ئۆلچىمىنى مەلۇم قىلىپ باھالاش نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، بالىلار بۆلۈمى كىلىنىكىلىق دورا ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇپ، جۇڭگودا بالىلارغا دورا ئىشلىتىش سەۋىيەسىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى يەنە ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە بالىلار بۆلۈمى كىلىنىكىلىق ئەمەلىي ئېھتىياجى ۋە دورا كەسپى تەرەققىيات ئەھۋالىنى بىرلەشتۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيەسىگە ماسلىشىپ، مۇتەخەسسىسلەرنى تەشكىللەپ ۋە ئىلھام بېرىپ، بالىلار دورىلىرىنى تەتقىق قىلىپ مەلۇم قىلىش تىزىملىكىنى تۈزۈپ ھەم جەمئىيەتكە ۋاقتىدا ئېلان قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر