باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«گۈلىستان» گۇرۇھى قۇرۇلدى

2016.06.03 14:47         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «گۈلىستان» خەلقئارا ئوقەتچىلىك گۇرۇھى 28 - ماي چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچىدە چوڭ تىپتىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، «گۈلىستان» گۇرۇھىنىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقىنى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 400دىن ئارتۇق «تەيئەيتەي كوللاگېنلىق پېپتېد» دۇكانلىرىنىڭ «گۈلىستان» دۇكانلىرىغا ئۆزگەرگەنلىكىنى جاكارلىدى ھەمدە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ساغلاملىق ۋە ئوزۇقلۇق مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىدىغان بىر قىسىم كارخانىلار بىلەن ھەمكارلىق ئورناتتى.

  «گۈلىستان» گۇرۇھى شىنجاڭ «تەيئەيتەي» شىركىتى ئاساسىدا قۇرۇلغان بولۇپ، رىزۋانگۈل ئابلىز 2013 - يىلى كوللاگېنلىق پېپتېدنى تۇنجى بولۇپ ئاپتونوم رايونىمىز بازارلىرىغا ئېلىپ كىرگەن ھەم بىر يىلدىن كېيىن شىنجاڭ «تەيئەيتەي» شىركىتى، شىنجاڭ دۆلەت پېپتېدى شىركىتىنى قۇرغان، ئۇزاق ئۆتمەي بېيجىڭ خەيدېرۇن دورىگەرلىك زاۋۇتىنىڭ بىر ئىشلەپچىقىرىش سېخىنى سېتىۋېلىپ، «دۆلەت پېپتېدى» ماركىسىدىكى كوللاگېنلىق پېپتېدلارنى ئىشلەپچىقارغان. بىر نەچچە يىل تىرىشىش نەتىجىسىدە، «تەيئەيتەي كوللاگېنلىق پېپتېد دۇكانلىرى» ناھايىتى تېزلا تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىنى قاپلاپ، زەنجىرسىمان دۇكان 400دىن، خادىملىرى 2000دىن ئاشقان.

  ئىگىلىشىمچە، بۇ شىركەت بۇلتۇر مايدا ياپونىيەدىكى H&S شىركىتىنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، ياپونىيەدىكى 200 يىللىق تارىخقا ئىگە مۇسۇلمانچە يېمەكلىك كارخانىسى بولغان ياپونىيە ئۇمېكېن پاي ھەسسىدارلىق شىركىتى بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان ھەمدە ئۇمېكىن (UMEKEN) ماركىسىدىكى يۈرۈشلۈك ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى ئاپتونوم رايونىمىز بازىرىغا ئېلىپ كىرگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ شىركەت بۇلتۇر ئۆكتەبىردە شىنجاڭ «يېشىل» بىيو پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى بىلەن ئۇزاق مەزگىللىك ھەمكارلىق ئورنىتىپ، «تەكلىماكان قۇملۇق ئالگاسى» ماركىسىدىكى يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىپ بازارغا سالغان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ دۇبەي شەھىرىدىمۇ «يېشىل» شىركىتىنى قۇرۇپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىدا تەتقىقات، ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش تورىنى شەكىللەندۈرگەن، رايونىمىزدىكى خەلقئاراغا يۈزلەنگەن باشلامچى كارخانىغا ئايلانغان.شۇ كۈنىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، «گۈلىستان» گۇرۇھى ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئەڭ دەسلەپ تالالىق يېمەكلىك تەتقىقاتىنى باشلىغان، نوقۇت قۇۋۋەت تالقىنى ۋە نوقۇت تالالىق يېمەكلىكلىرىنىڭ ئىجادچىسى، شىنجاڭ «ئامىنە» بىيو پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ لىدىرى ئامىنە ئابلىمىت بىلەن «شىپاھى تالا» ماركىسىدىكى يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلارنى بازارغا سېلىش؛ جۇۋازچىلىق مەدەنىيىتىمىز بىلەن زامانىۋى ئىشلەپچىقىرىش ئەندىزىسىنى بىرلەشتۈرگەن ياغ ئىشلەش كارخانىسىنىڭ قۇرغۇچىسى، «ئېھسان» ياغچىلىق شىركىتىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇشۈكۈر ھاجى بىلەن «ئېھسان» ماركىسىدىكى يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلارنى بازارغا سېلىش ھەققىدە ئۇزاق مەزگىللىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى. «شىپاھى تالا» مەھسۇلاتى −− ئامىنە ئابلىمىتنىڭ 13 يىللىق تەتقىقات مېۋىسى بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ مەھسۇلات دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا نوقۇتتىن تالا ئېلىشتىكى تۇنجى ئىجادىيەت ھېسابلىنىدۇ. ئېلىمىز بۇ تەتقىقات نەتىجىسىنى ئىنسانلار ساغلاملىقىدا كەم بولسا بولمايدىغان 7 - چوڭ ئوزۇقلۇق دەپ بېكىتىپ، ھەر يىلى 17 - دېكابىرنى «مەملىكەتلىك تالالىق يېمەكلىك كۈنى» قىلغان ھەمدە يېمەكلىك تالاسىنى ھەر بىر ئائىلىگىچە كىرگۈزۈشنى تەشەببۇس قىلغان. «ئېھسان» ياغچىلىق چەكلىك شىركىتى 2012 - يىلى 5 - ئايدا 50 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ ئاجرىتىپ، گېرمانىيەدىن يۇقىرى تېخنىكىلىق سېخ ئۈسكۈنىلىرىنى كىرگۈزۈپ، قورغاس ناھىيەسىدە 43 مىڭ كىۋادرت مېتىرلىق زاۋۇتنى ئىشقا كىرىشتۈردى. ھازىر بۇ زاۋۇت كۈنىگە 50 توننا ياغ ئىشلەپچىقىرالايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر