باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

سىرتتىكىلەرنىڭ شىنجاڭغا بولغان دىققىتىگە ئوچۇق- ئاشكارا جاۋاب قايتۇرۇلدى

−«شىنجاڭنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئەھۋالى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتاب ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى توغرىسىدا

2016.06.03 14:50         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «‹شىنجاڭنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئەھۋالى› ناملىق ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلىنىپ، دۇنياغا ھەقىقىي شىنجاڭ نامايان قىلىندى شۇنداقلا سىرتتىكىلەرنىڭ شىنجاڭغا بولغان غەمخورلۇقىغا ئوچۇق- ئاشكارا جاۋاب قايتۇرۇلدى!»، دېدى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات مەركىزىنىڭ مۇخبىرى گاۋ لېي.

  گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 2- ئىيۇن «شىنجاڭنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئەھۋالى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلدى ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ئاق تاشلىق كىتابنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى ۋە شىنجاڭنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. بۇ ئېلىمىزنىڭ تۇنجى قېتىم شىنجاڭنىڭ دىن ئىشلىرىنى باش تېما قىلىپ ئېلان قىلغان ئاق تاشلىق كىتابى بولۇپ، شىنجاڭ مەسىلىسىنىڭ كىشىلەرنىڭ دىققەت- ئېتىبارىنى قوزغايدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ، مەركەزنىڭ شىنجاڭغا غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى.

  ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى خەلق گېزىتى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، جۇڭگو خەلقئارا رادىيو ئىستانسىسى، شياڭگاڭ ئادالەت گېزىتى، رېيتېر ئاگېنتلىقى قاتارلىق دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى 49 تاراتقۇنى جەلپ قىلدى. ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلىشتىن بىر سائەت بۇرۇن مۇخبىرلار ئارقا- ئارقىدىن يىغىن مەيدانىغا يېتىپ كېلىشتى ۋە بىر دەمدىلا فوتو ئاپپاراتلىرىنى تەق قىلىشتى.

  مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى، جۇڭگو خەلقئارا رادىيو ئىستانسىسى، جۇڭگو تورى، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى تورى قاتارلىق تاراتقۇلار شۇ كۈنىدىكى يىغىن ئەھۋالىنى بىۋاسىتە تارقىتىپ، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ يۇقىرى ئۆلچىمىنى، شىنجاڭنىڭ ئوچۇق پوزىتسىيەسى ۋە تەرەققىيات ئىشەنچىنى نامايان قىلدى.

  ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى سائەت 10دا رەسمىي باشلاندى. گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى شى يەنچۈن ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى شەۋكەت ئىمىن ئاق تاشلىق كىتابنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنىنى قىسقىچە تونۇشتۇرغاندىن كېيىن، ۋاقىتنى مۇخبىرلارغا بەردى، مەيدان كەيپىياتى بىردىنلا قىزىپ كەتتى، ھەر بىر تېما ئاياغلاشقاندىن كېيىن نەق مەيداندا گۈلدىراس ئالقىش ساداسى ياڭراپ تۇردى.

  جۇڭگو ھۆكۈمىتى مۇسۇلمانلارنىڭ رامىزان ئېيى كېلىش ئالدىدا «شىنجاڭنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئەھۋالى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلىشتا نېمىنى ئالاھىدە ئويلاشقان؟ كۆپچىلىك ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بۇ مەسىلىگە ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى (دىن ئىشلىرى ئىدارىسى) نىڭ مۇدىرى (ئىدارە باشلىقى) تۇرغان پىدا مۇنداق جاۋاب بەردى: شىنجاڭنىڭ ھازىرقى تەرەققىيات يۈزلىنىشى ياخشى، ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتى مۇقىم. ھەر مىللەت خەلق ئىناق بولۇپ، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇقىدىن تولۇق بەھرىمەن بولۇۋاتىدۇ. مەملىكەتلىك دىن خىزمىتى يىغىنى بۇ يىل 4- ئايدا بېيجىڭدا ئېچىلدى، يىغىندا ئېلىمىزنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى دىن خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلدى، شىنجاڭنىڭ دىن خىزمىتىمۇ يېڭى تارىخي مەزگىلنى كۈتۈۋالدى. «شىنجاڭنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئەھۋالى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلىش دۇنياغا شىنجاڭنىڭ دىن ئەركىنلىكى ئەھۋالىنى ھەقىقىي نامايان قىلىپ، كۆپچىلىككە ھەقىقىي شىنجاڭنى بىلدۈرۈش ئۈچۈندۇر.

  شىنجاڭنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە قانداق ھۆرمەت قىلىدىغانلىقى ۋە ئۇنى قانداق قوغدايدىغانلىقىمۇ جۇڭگو ۋە چەت ئەل تاراتقۇلىرى كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتا.

  تۇرغان پىدا مۇنداق دېدى: بىز پۇقرالارنىڭ دىنىي ھېسسىياتى، دىنىي ئېھتىياجىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىمىز، مەسىلەن، رامىزان مەزگىلىدە بىز مۇلازىمەت كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالارنىڭ زوھۇرلۇق، ئىپتارلىق يېيىش قاتارلىق دىنىي پائالىيەتلىرىنىڭ تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز. مۇسۇلمانچە ئاشپۇزۇللار تىجارەتنى توختىتىشنى ياكى تىجارەت قىلىشنى ئۆزى بەلگىلەيدۇ، بۇ دەخلى- تەرۇزغا ئۇچرىمايدۇ. بۇلتۇر 3- ئىيۇل خوتەن ۋىلايىتىنىڭ گۇما ناھىيەسىدە 5.6 بال يەر تەۋرىدى، شىنجاڭ ھۆكۈمىتى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، ۋاقىتلىق دىنىي پائالىيەت مەيدانى ھازىرلاپ، ئاپەت رايونىدىكى دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ نورمال دىنىي پائالىيىتىنى كاپالەتلەندۈردى. بۇلتۇر شىنجاڭدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى شىنجاڭنىڭ ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى زاتلار، ھەر مىللەت مۇسۇلمان ئامما ۋەكىللىرى بىلەن بىللە ئىپتارلىق يەپ، روزا ھېيتنى كۈتۈۋالدى، بۇ ئىش جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ دىققىتىنى تارتتى ۋە ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.

  شەۋكەت ئىمىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شىنجاڭدا نورمال دىنىي پائالىيەت قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ. 1996- يىلىدىن بۇيان شىنجاڭ ھەر يىلى ئايروپىلان ھۆددىگە ئېلىپ مۇسۇلمان ئاممىنى مەككىگە بېرىپ ھەج قىلىشقا تەشكىللەپ، خىزمەتچى خادىملارنى ئۆمەكتىكىلەرنى يېمەك- ئىچمەك، داۋالاش، سەھىيە، قاتناش، ياتاق، يول باشلاش قاتارلىق مۇلازىمەت كاپالىتى بىلەن تەمىنلەشكە ئورۇنلاشتۇرۇپ كەلدى.

  ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جارۇللا ھېسامىدىن مۇنداق دېدى: شىنجاڭدا پۇقرالارنىڭ ئۆرپ- ئادىتىگە تولۇق ھۆرمەت قىلىنىدۇ. «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەر نىزامى» قانۇن ۋاسىتىسى بىلەن مۇسۇلمانچە يېمەك- ئىچمەك ئادىتىگە ئىگە پۇقرالارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ...

  مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، جۇڭگو خەلقئارا رادىيو ئىستانسىسى، رېيتېر ئاگېنتلىقى، جۇڭگو گېزىتخانىسى، شياڭگاڭ سىملىق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، شياڭگاڭ ئادالەت گېزىتى مۇخبىرلىرى سوئال سورىدى. ئۈچ باياناتچى مەسىلىلەرگە بىمالال جاۋاب بەردى ھەم جانلىق سانلىق مەلۇماتلار ۋە دەلىللەرنى كۆرسەتتى.

  سوئال سوراش ۋە جاۋاب بېرىشكە جۈرئەت قىلىش، سوئاللارغا پاكىت بىلەن جاۋاب بېرىش ئەڭ ياخشى پوزىتسىيە. رېيتېر ئاگېنتلىقى مۇخبىرى سورىغان شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش جەھەتتە كەمسىتىشكە ئۇچراش مەسىلىسى توغرىسىدىكى سوئالغا شەۋكەت ئىمىن ئۆزى ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش سەرگۈزەشتىسىنى مىسال قىلىپ جاۋاب بەردى.

  «مەن شىنجاڭغا زادىلا بېرىپ باقمىغان، لېكىن ئاق تاشلىق كىتاب ماڭا ۋە پۈتۈن دۇنيادىكىلەرگە ھازىر شىنجاڭنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئەھۋالىنى ئىلگىرىكى ھەر قانداق تارىخىي مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى، بۇ مېنىڭ شىنجاڭغا بېرىپ كۆرۈپ بېقىش ئىستىكىمنى تېخىمۇ كۈچەيتتى»، دېدى شياڭگاڭ «ئادالەت گېزىتى» ئاخبارات مەركىزىنىڭ مۇخبىرى جاۋ يىسۈن ھاياجانلىنىپ.

  قىسقىغىنە بىر سائەتلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا بولغان ئىشەنچىنىڭ نامايەندىسى، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە يولغا قويۇش، دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇش قانۇن- نىزاملىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش ئىشەنچى، شۇنداقلا تەرەققىياتنى ئوچۇق- ئاشكارا كۈتۈۋېلىش پوزىتسىيەسىدۇر.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر