باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى: قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە زىيانكەشلىك قىلىش جىنايىتى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالىنىدۇ

2016.06.03 14:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ساۋ جيەنمىڭ 2-ئىيۇن مەملىكەتلىك تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەر تەپتىشلىكى خىزمىتىنىڭ 30 يىللىقى سۆھبەت يىغىنىدا، ھەر دەرىجىلىك تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە زىيانكەشلىك قىلىش جىنايىتىنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاپ، قىلچە رەھىم قىلماسلىق پوزىتسىيەسى بىلەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە زىيانكەشلىق قىلغان تۈرلۈك جىنايى ئىشلارنى قانۇن بويىچە قولغا ئېلىش، شىكايەت قىلىشنى تەستىقلاشنى تېزلىتىپ، بۇ تۈردىكى جىنايەتچىلەرگە بولغان جازانى ئازايتىش، شەرتلىك قويۇپ بېرىش، تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىشقا قارىتا نازارەتنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى بېسىم ھالىتى بەرپا قىلىپ، چۆچۈتۈش ئۈنۈمىنى ساقلاش لازىملىقىنى تەكىتلىدى.

  ساۋ جيەنمىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تەپتىش ئورگانلىرى ج خ، سوت ۋە ئەدىلىيە مەمۇرىي ئورگانلىرى بىلەن بولغان ئالاقە، ماسلىشىشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن كۈچەيتىش، ئۆيدە قالغان، ئېقىپ يۈرگەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، مۇۋاپىق ۋاقىتتا مەخسۇس تۈرلۈك زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى قاتات يايدۇرۇش لازىم. قۇرامىغا يەتمىگەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلارغا كۆيۈنۈش، قۇتقۇزۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، بولۇپمۇ قۇرامىغا يەتمىگەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ جىسمانىي، روھىي ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان دىلو بېجىرىش ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە ئەھمىيەت بېرىش، بىر نۇقتىدا سوراش، سوراش بىلەن تەڭ سىنغا ئېلىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئەدىلىيەلىك دىلو بېجىرىش، بولۇپمۇ قايتا-قايتا سوراش بىلەن ئىككىنچى قېتىم زىيانلىنىپ قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم. قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە زىيانكەشلىك قىلىش دىلولىرىنى تەكشۈرۈش، قولغا ئېلىش، سوراق قلىش، شىكايەت قىلىش ئىسپات ئۆلچىمىنى تەتقىق قىلىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنسىي زىيانكەشلىككە ئۇچرىشى قاتارلىق دىلولاردىكى ئىسپات ئېلىش تەس بولۇش، تەكشۈرۈش تەس بولۇش، دىلو بېجىرىش تەس بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى زور كۈچ بىلەن ھەل قىلىش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر