باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ شەھىرى قاتناش قىستاڭچىلىقى ھەققى ئالماقچى بولدى

2016.05.09 14:51         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بېيجىڭ شەھىرى يېقىندا چىقارغان باھا تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرىدە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: بېيجىڭ شەھىرى قاتناش قىستاڭچىلىقىنى پەسەيتىشكە پايدىلىق بولغان باھا مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە قاتناش قىستاڭچىلىقىنى پەسەيتىشنى چۆرىدەپ قاتناش قىستاڭچىلىقى ھەق ئېلىش سىياسىتىنى تەتقىق قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. قاتناش قىستاڭچىلىقى ھەققى قايسى رايوندا ئېلىنىدۇ؟ ھەق ئېلىش ئۆلچىمى قانداق بېكىتىلىدۇ؟ ھەق ئېلىنغاندىن كېيىن قاتناش قىستاڭچىلىقىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىگىلى بولامدۇ؟

  مۇتەخەسىسلەر مۇنداق دەپ قارىدى: قاتناش قىستاڭچىلىقى ھەققى ئېلىشتا ئەمەلىيەتتە ھەق ئېلىش رايونى ۋە قېلىپى، ھەق ئېلىش ئۆلچىمى قاتارلىق بىر يۈرۈش مەسىلىلەر كېلىپ چىقىدۇ. جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرىستېتى ئاممىۋى سىياسەت تەتقىقات ئېنىستېتوتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى ماۋ شوۋلوڭ مۇنداق دېدى: قىستاڭچىلىق ئېغىر بولغان رايونلار قىستاڭچىلىق ھەققى ئېلىش سىنىقىنى ئالدى بىلەن يولغا قويسا، ۋەزىيەتنى تەڭپۇڭلاشتۇرىدىغان قېلىپنى قوللانسا بولىدۇ.

  ماۋ شوۋلوڭ مۇنداق دېدى: قاتناش قىستاڭچىلىقى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ئاساسلىقى قەيەردە قىستاڭچىلىق يۈز بەرسە شۇ يەردىن قىستاڭچىلىق ھەققى ئېلىش كېرەك. بىراق قىستاڭچىلىقنىڭ يۈز بېرىشىدىكى سەۋەب ماشىنىلار كۆپ بولغانلىقتىدىن بولماي، قاتناشنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش لايىھىسى مۇۋاپىق بولمىغانلىقىدىن كۆرۈلگەنلىكىنى ئويلىشىشقا توغرا كېلىدۇ. قىستاڭچىلىق كېلىپ چىقىشنىڭ سەۋەبىنى تەھلىل قىلىش كېرەك. بۇنىڭ سەۋەبنى ھەل قىغىلى بولمىسا ھەق ئېلىشنىڭ ئەھمىيىتى بولمايدۇ. قاتناش ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ياخشىلاش ۋە پىلانلاش ئارقىلىق بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش لازىم.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر