- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى:مىللىي مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىشتا دىن ئامىلىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ
2016.05.09 14:50 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى باتىر يىغىننى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە يولداش يۈ جېڭشېڭنىڭ مەملىكەتلىك دىن خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ھەمدە ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى.
يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: مەركىزىي كومىتېت ئۇزۇندىن بۇيان مىللەتلەر خىزمىتى بىلەن دىنىي خىزمەتنىڭ زىچ مۇناسىۋىتىگە ئەھمىيەت بەردى. ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاممىسى ئىچىدە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلار بىر قەدەر كۆپ، مىللىي مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلغاندا دىن ئامىلىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. يىغىننىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەسىلىنىڭ يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر خىزمىتى ساھەسىدىكى دىنىي خىزمەتكە ئالاقىدار مەسىلىلەر ۋە مىللىي رايونلار دىنىي خىزمىتىدىكى ئالاھىدە ۋەزىپىسىنى توغرا تېپىپ چىقىپ، تىزىملىكنى رەتكە تىزىپ، سەۋەب ۋە مەسىلىنى تەھلىل قىلىپ، قاراتمىلىقى بولغان، كارغا كېلىدىغان چارە تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ ، بىرمۇ بىر ھەل قىلىش لازىم. ئالاقىدار تارماقلار ئۆز كەسپىگە بىرلەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يىغىن روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ كونكرېت تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، يىغىن روھىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش لازىم.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر