باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مىللىي رايونلارنىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرى ئىلگىرى سۈرۈلدى

2016.05.09 14:50         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  12-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە دۆلەتلىك تەنتەربىيە باش ئىدارىسى دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى قاتارلىق تارماقلار بىلەن پائال ماسلىشىپ، مىللىي رايونلار ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش، ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ تەن ساغلاملىق ساپاسىنى ئۆستۈرۈشنى مۇھىم خىزمەت مەزمۇنىغا كىرگۈزۈپ، تەنتەربىيەنىڭ ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىش، يۇغۇرۇلۇش جەھەتتىكى ئىجابىي رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى.

  12-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە دۆلەتلىك تەنتەربىيە باش ئىدارىسى ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش قۇرۇلۇشى خىزمىتىدە مىللىي رايونلارغا سىياسەت جەھەتتىن ئېتىبار بېرىش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ،چەكلىك بايلىق بىلەن غەربىي رايونغا بولۇپمۇ ئىچكى موڭغۇل، گۇاڭشى، شىزاڭ، نىڭشيا، شىنجاڭنىڭ ئاممىۋى تەنتەربىيە مەيدان ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىغا زور كۈچ بىلەن مەدەت بەردى. 12- بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە دۆلەتلىك تەنتەربىيە باش ئىدارىسى ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، لاتارىيە ئاممىۋى پاراۋانلىق پۇلىدىن 1 مىليارد 320 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، 164 قاردا ئوتۇن يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى، 13 ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيەت مەركىزى، 18206 دېھقانلار تەنتەربىيە بەدەن چېنىقتۇرۇش قۇرۇلۇشى قاتارلىق زور تۈركۈمدىكى ئاممىۋى تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرىنى سېلىپ، مىللىي رايونلاردىكى ئاممىنى تەنتەربىيە بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيەتلىرىگە پائال قاتنىشىشىغا ياخشى شارائىتى يارىتىپ بەردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر