باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۇرالغۇ ئۆينى ئۆزگەرتىپ ھەر بىر ئېغىز بويىچە ئىجارىگە بېرىشكە رۇخسەت قىلىنىدۇ

2016.05.09 14:50         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۇرالغۇ ئۆي شەھەر يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى لۇ كېخۇا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مىنىستىرلىقىمىز ھازىرقى ئۆينى ئۆزگەرتكەندىن كېيىن ھەر بىر ئېغىز ئۆي بويىچە ئىجارە بېرىش شەرتى ۋە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئۆي كۆلىمى ئۆلچىمى، بىر ئېغىز ئۆيدە ئەڭ كۆپ بولغاندا قانچە ئادەم تۇرۇش قاتارلىق چارىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، ئۆينىڭ ئىشلىتىش بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ. بۇ قانۇنلۇق ياكى قانۇنسىزلىقتىن دېرەك بېرەمدۇ؟ كەلگۈسىدە سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە قايسى ھالقىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك؟

  تۇرالغۇ ئۆي شەھەر يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى لۇ كېخۇا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۆينى ئۆزگەرتكەندىن كېيىن ھەر بىر ئېغىز ئۆي بويىچە ئىجارە بېرىشكە يول قويۇلىدۇ، بۇنىڭدا ئاساسلىقى ياشلار، يېڭى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئۆي ئىجارە ئېلىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش چىقىش قىلىنىدۇ. بىز شۇنىڭغا دىققەت قىلدۇقكى ،كەلگۈسىدە ھەر بىر ئېغىز ئۆي بويىچە ئىجارىگە بېرىلىدىغان ئۆينى ئۆزگەرتىشكە يول قويۇشتا قاتتىق ئالدىنقى شەرت بولىدۇ. لۇ كېخۇا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھازىرقى ئۆينى بىخەتەرلىك ، ئازادىلىق ، قۇلايلىق قاتارلىق تەلەپلەر بويىچە ئۆزگەرتكەندىن كېيىن ھەر بىر ئېغىز ئۆي بويىچە ئىجارىگە بىرىشكە يول قويۇلىدۇ. بىراق ئەسلىدىكى ئوت ئۆچۈرۈش رايونى، بىخەتەر تارقىلىش ۋە ئوت ئۆچۈرۈشتە ئايرىش قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى ئۆزگەرتمىسە بولمايدۇ. بۇ تۈردىكى ئىشلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھازىرقى ئۆيلەرنى ئۆزگەرتكەندىن كېيىن ھەر بىر ئېغىز ئۆي بويىچە ئىجارىگە بېرىش شەرتى ۋە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تۇرالغۇ كۆلىمى ئۆلچىمى، بىر ئېغىز ئۆيدە ئەڭ كۆپ بولغاندا قانچە ئادەم تۇرۇش قاتارلىق چارىلەر تەتقىق قىلىپ تۈزىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر