باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بىر بەلباغ بىر يول بويىدىكى دۆلەتلەر ئېلىمىز ياشلىرىنىڭ چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشىدىكى قىزىق نۇقتىسىغا ئايلانغۇسى

2016.05.09 14:48         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھازىر بارغانسېرى كۆپلىگەن ئوقۇغۇچىلار چەتئەللەرگە چىقىپ ئوقۇش يولىنى تالىماقتا، ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىق ئەنئەنىۋى چەتئەللەرگە چىقىپ ئوقۇش نىشان دۆلەتلىرىدىن باشقا يەنە قايسى دۆلەتلەرنى تاللىسا بولىدۇ؟ مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ تۈنۈگۈن ئاشكارىلىشىچە، 21-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا مائارىپ سەييارە كۆرگەزمىسى شاڭخەي بېكىتى 15-ماي شەرقىي ئاسىيا كۆرگەزمىخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن. ئالاقىدار ئەربابلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە: بىر بەلباغ بىر يول بويىدىكى دۆلەتلەر چەتئەللەرگە چىقىپ ئوقۇشتىكى يېڭى قىزىق نۇقتىلارغا ئايلىنىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە: بۇ قېتىمقى مائارىپ سەييارە كۆرگەزمىگە يەر شارىدىكى تەخمىنەن 30 دۆلەت ۋە رايوندىكى 300 دىن ئارتۇق ئالىي مەكتەپ ۋە مائارىپ ئاپپاراتى قاتناشقان؛ بۇلار ئاساسلىقى ئالىي مەكتەپلەر، كەسپى تېخنىكا ئىنىستېتۇتلىرى، ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە تۈرلۈك تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. شاڭخەي پونكىتىدا ئاۋسترالىيە ، كانادا، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىسپانىيە ، ئەنگلىيە، ئامېرىكا، قاتارلىق دۆلەتلەر ۋە رايوندىكى 90 دىن كۆپرەك ئالىي مەكتەپ ۋە مائارىپ ئاپپاراتى كۆرگەزمىگە قاتناشقان.

  دۆلەتنىڭ بىر بەلباغ بىر يول ئىستراتېگىيەلىك تەسەۋۋۇرىغا ئاۋاز قوشۇش، بىر بەلباغ بىر يول بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ مائارىپ ئالماشتۇرۇشىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، لىتۋا، رۇمىنىيە، مالايسىيا، تايلاند، سىنگاپور، سېپروس، پولشا ، چېخ، ۋېنگىرىيە قاتارلىق بىر بەلباغ بىر يول بويىدىكى ئون دۆلەتنىڭ 30 دىن كۆپرەك ئالىي مەكتىپى بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىگە قاتناشتى. بۇنىڭ ئىچىدە ۋېنگىرىيىدىكى داڭلىق ئون ئۇنىۋېرسىتېت ئۆمەك باشلاپ كۆرگەزمىگە قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر