باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چېگرا مۇداپىئە ئوفىتسېر ئەسكەرلىرى ئانىلىرىغا بايراملىق سالام يوللىدى

2016.05.09 14:49         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىر يىلدا بىر قېتىم كېلىدىغان ئانىلار بايرىمى يېتىپ كەلدى. گۈللەر ، سوۋغا بۇيۇملىرى شەھەر كوچىلىرىنى بىر ئالدى. چېگرا مۇداپىئە ئوفىتسېر ئەسكەرلىرىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ئانىلار بايرىمى ئەڭ مۇقەددەس ئارزۇ ئىستەككە تولغان بايرام.

  بالام تىلەكلىرىڭگە رەھمەت! زىممەڭدە مەسئۇلىيىتىڭ بار، دۆلەت دەرۋازىسىنى، ئانا ۋەتەننى ياخشى قوغدىغىن! ئانىلار بايرىمى ھارپىسىدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى باقتۇ چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتىدىكى ئەسكەر چېن جۈنخۇ ۋىدېيودا ئانىسىنى كۆرۈپ ئۆكسۈپ يىغلىدى. چۈنكى ئۇ سەپداشلىرى بىلەن ۋەزىپە ئۆتۈۋاتقانلىقى سەۋەبىدىن ئائىلىسىگە قايتالمايتتى، ئانىسىغا ھەمراھ بولۇپ پاراڭلىشالمايتتى، ئانىسىنىڭ تاپىلىغان سۆزلىرىنى ئاڭلىيالمايتتى، ئانىسى ئەتكەن تاماقلارنى يېيەلمەيتتى.

  6-ماي چۈشتىن ئىلگىرى باقتۇ چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتى تەكشۈرۈش ئەترىتى بارلىق ئوفىتسېر ئەسكەرلەرنى ئانىسى بىلەن ۋىدېيودا كۆرۈشۈپ، يىراقتىكى ئانىسىغا ئالاھىدە بەخت تىلەشكە ئورۇنلاشتۇردى.

  باقتۇ چېگرا ئېغىزى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تارباغاتاي ۋىلايىتىدە بولۇپ ،ئېلىمىزنىڭ قازاقىستان بىلەن چېگرالىنىدىغان بىرىنچى تۈردىكى چېگرا ئېغىزى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى باقتۇ چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتى ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ يېتەكچىسى لى بىڭ مۇنۇلارنى تونۇشتۇردى: تەكشۈرۈش پونكىتىمىزدىكى ئەسكەرلەر دۆلەت دەرۋازىسىنى قوغداش ئۈچۈن يىل بويى دەم ئالمايدۇ، ھەر يىلى بايرامدا ۋىدېيو، تېلېفون ئارقىلىق يىراقتىكى ئائىلىسىگە بەخت تىلەيدۇ.

  بىر قانچە كۈندىن بۇيان، ئوفىتسېر ئەسكەرلەر بوش ۋاقىتلىرىدا مىشەك بىلەن كۆپلىگەن ھۈنەر سەنئەت بۇيۇملىرى ۋە تەبرىكلەش كارتىلىرىنى ياساپ،ئانىسى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنى دائىم ئەسلەيدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر