باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 14-يىغىنى ئېچىلدى

سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4-يىغىنىغا تەييارلىق كۆرۈلدى، يۈ جېڭشېڭ يىغىنغا قاتناشتى

2016.02.29 14:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 14-يىغىنى 28-فېۋرال بېيجىڭدا ئېچىلدى. يىغىندا سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4-يىغىنىغا تەييارلىق كۆرۈلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى 4-يىغىنىنى ئېچىش توغرىسىدىكى قارار قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى؛ سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى 4-يىغىنىنىڭ قارالما لايىھەسى(دەسلەپكى لايىھەسى) ۋە كۈنتەرتىپى (دەسلەپكى لايىھەسى) توغرىسىدىكى ئىزاھات، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى(دەسلەپكى لايىھەسى)نى تەييارلاش توغرىسىدىكى ئىزاھات، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى 3-يىغىنىدىن بۇيانقى تەكلىپ-لايىھە خىزمەت دوكلاتى (دەسلەپكى لايىھەسى)نى تەييارلاش توغرىسىدىكى ئىزاھات، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك كومىتېتىدىكى ئەزالارنىڭ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش خىزمەت قائىدىسى(سىناق نۇسخىسى) (دەسلەپكى لايىھەسى)نى تەييارلاش توغرىسىدىكى ئىزاھات ۋە ئالاقىدار كادىرلار ئىشلىرى توغرىسىدىكى ئىزاھات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قوشۇمچە باش كاتىپى جاڭ چىڭلى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باش كاتىپى سۈن خۇەيشەن، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ يىجۇڭ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش تەكلىپ كومىتېتىنىڭ مۇدىرى سۈن گەنلەر يۇقارقى قارالمىلار توغرىسىدا چۈشەندۈرۈش بەردى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر