باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ياشانغانلار خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

يۇقىرى قاتلام لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتەك مۇھىم سىياسىي تۈزۈمنى كۈچەيتىپ، نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشىغا ۋاقتىدا، ئىلمىي، ئۇنىۋېرسال تاقابىل تۇرۇش كېرەك

لى كېچياڭ تەستىق سالدى

2016.02.24 14:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا ياشانغانلار خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئېلىمىز نوپۇسىنىڭ قېرىلىشىشىغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش دۆلەت تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىيىتى، مىليونلىغان خەلقنىڭ بەخت-سائادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مەۋقەنى ھازىرغا ۋە كەلگۈسىگە قارىتىپ، يۇقىرى قاتلام لايىھەسىنى كۈچەيتىپ، تۇغۇت، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، كۈتۈنۈش قاتارلىق مۇھىم سىياسەت ۋە تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ۋاقتىدا، ئىلمىي، ئۇنىۋېرسال تاقابىل تۇرۇش كېرەك. بۇنى مۇھىم كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۈپ، «13-بەش يىل» مەزگىلىدە چىڭ تۇتۇپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ تەستىق سېلىپ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: نوپۇسنىڭ قېرىلىشىش مەسىلىسىگە ئىلمىي تاقابىل تۇرۇشنى چۆرىدەپ، «13-بەش يىللىق» يىرىك پىلان تۈزۈش، يولغا قويۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، ئالاقىدار سىياسەت ۋە تەكلىپلەرنى تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇشنى ۋە مەشغۇلاتچانلىققا ئەھمىيەت بېرىشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر