باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭنىڭ خوتەن رايونى ئالاھىدە سىياسەت جەھەتتە يۆلەپ بەش چوڭ يېتەرسىزلىكنى تولۇقلاپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى

2016.02.29 14:41         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خوتەن ۋىلايىتى شىنجاڭدىكى نامراتلىقنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى، نامراتلىق دەرىجىسى ئەڭ زور رايون. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايىتىگە ئالاھىدە سىياسەت قوللىنىپ «بەش چوڭ يېتەرسىزلىكنى» تولۇقلاشنى قارار قىلدى. مۇخبىرنىڭ 25-فېۋرال ئۆتكۈزۈلگەن ئاپتونوم رايوننىڭ خوتەن ۋىلايىتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش نەق مەيدان يىغىنىدىن ئوقۇشىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سىياسەت جەھەتتە مەدەت بېرىش، يەرلىك تەشەببۇسكارلىق بىلەن رول ئويناش، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە شەھەرلەر تۈرتكە بولۇش، جەمئىيەت كەڭ دائىرىدە قاتنىشىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئۇل ئەسلىھەسى، ئېكولوگىيەلىك قۇرۇلۇشى، بايلىقنى ئېچىش، سانائەتلەشتۈرۈش ۋە كەسىپ تەرەققىياتى، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق بەش يېتەرسىزلىكىنى تولۇقلاپ، 2020-يىلغىچە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىكەن. خوتەن ۋىلايىتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەخسۇس نامراتلارنى يۆلەش، كەسىپ جەھەتتە نامراتلارنى يۆلەش، جەمئىيەت نامراتلارنى يۆلەش، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش جەھەتتە نامراتلارنى يۆلەشتىن ئىبارەت تۆت بىر گەۋدىلەشكەن نامراتلارنى يۆلەش مېخانىزمىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يەنە مەبلەغ، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق كۆپ جەھەتتە كاپالەتنى كۈچەيتىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى 26 ئالاقىدار تارماق يۇقىرى تەركىبلىك سىياسەت تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئىقتىسادتا كۈچلۈك ناھىيەنى خوتەن ۋىلايىتى شەھىرى ۋە ناھىيەسى بىلەن ئۆز ئارا ياردەم بېرىدىغان رايون قىلىشقا تەشكىللەيدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر