باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ۋاڭ چىشەن پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇشنى تەكىتلىدى

2016.02.24 15:13         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مەركەز تەكشۈرۈش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ چىشەن تۈنۈگۈن مەركەز تەكشۈرۈش خىزمىتىگە سەپەرۋەرلىك قىلىش، ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەكشۈرۈش خىزمىتىگە بەرگەن مۇھىم يوليورۇقى يەتكۈزۈلدى. ۋاڭ چىشەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۈرۈشلۈك مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، دىققەتنى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ سىياسىي ئاساس يۈكسەكلىكىنى چىڭىتىپ، سىياسىي تەكشۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆتكۈر قوراللىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداش كېرەك. يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت تارماقلىرىنى تەكشۈرۈشتە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ۋە پارتىيە ئاخبارات جامائەت پىكرى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھى بويىچە دەڭسەش؛ ئىقتىساد باشقۇرۇش تارماقلىرىنى تەكشۈرگەندە، ماكرولۇق ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، كەسىپ سىياسىتىنى توغرىلاش، مىكرو سىياسەتنى جانلاندۇرۇش، ئىسلاھات سىياسىتىنى ئەمەلىي قىلىش، ئىجتىمائىي سىياسەتنىڭ ئاساسىنى چىڭىتىش باش تەپەككۇرىنى ئەمەلىيلەشتۈرگەن ياكى ئەمەلىيلەشتۈرمىگەنلىكىنى تەكشۈرۈش؛ خەلق تۇرمۇشى تارماقلىرىنى تەكشۈرگەندە، مەركەز نامراتلارنى يۆلەپ تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرغان ياكى ئىزچىللاشتۇرمىغانلىقىنى تەكشۈرۈش لازىم؛ تەكشۈرۈلۈپ بولغان جايلارنى تۇيۇقسىز قايتا تەكشۈرۈپ، قايتىدىن ئىنچىكە قاراپ چىقىش، بايقالغان مەسىلىلەردە يوچۇق قالغان-قالمىغانلىقى ۋە تەكشۈرۈشتە تۈزىتىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ، ھەممە ھالقىلارنى تولۇق قاپلاپ، كۈچلۈك سىگنال چىقىرىپ، نازارەتنىڭ ئەۋرىشىملىكى ۋە كەسكىنلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر