باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو ئارمىيەسىنىڭ ئافغانىستانغا ئىنسانپەرۋەرلىك يۈزسىدىن ياردەم بەرگەن ماددىي ئەشيالىرى ئافغانىستانغا ئوڭۇشلۇق يەتكۈزۈلدى

2016.02.29 14:35         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئارمىيەسىنىڭ ئافغانىستانغا ئىنسانپەرۋەرلىك يۈزىسىدىن بەرگەن ماددىي ئەشيالىرى 26- فېۋرال چۈشتىن كىيىن ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلغا يەتكۈزۈلدى. جۇڭگونىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ياۋ جىن، ئافغانىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى غۇلام ساشى تاپشۇرۇپ بېرىش ۋە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە ماددىي ئەشيالارنى تاپشۇرۇپ بېرىش تاپشۇرۇۋېلىش گۇۋاھنامىسىغا قولغا قويدى.

  ياۋ جىن مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ئافغانىستان دوست قوشنىلار، بۇ قېتىم جۇڭگو تەرەپ ئافغانىستان قىيىنچىلىققا يولۇققان پەيتتە ياردەم بەرگەن ماددىي ئەشيالىرىنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە ئافغانىستانغا يەتكۈزدى، بۇ جۇڭگو ھۆكۈمىتى ، ئارمىيەسى ۋە خەلقىنىڭ ئىككى دۆلەت ئارمىيەسىنىڭ دوستانە مۇناسىۋىتىگە ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى تولۇق گەۋدىلەندۈردى.

  غۇلام ساشى مۇنداق دېدى: جۇڭگو، ئافغانىستاننىڭ ياخشى دوستى، ياخشى قېرىندىشى، بىز جۇڭگونىڭ ئۇزاقتىن بۇيان ئافغانىستانغا سىياسىي، ئىقتىساد، بىخەتەرلىك ساھەسىدە ياردەم بېرىپ ۋە قوللاپ كەلگەنلىكىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرمىز، بۇ ماددىي ئەشيالار تېزدىن ئافغانىستاندىكى پۇقرالارغا تارقىتىپ بېرىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر