باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىراقنىڭ پايتەختىدە پارتلىتىش ھۇجۇمى يۈز بەردى

2016.02.29 14:38         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىراق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارى تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: پايتەخت باغدادتىن شەرقىدىكى بىر بازاردا شۇ كۈنى پارتلىتىش ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندىمۇ 23 ئادەم قازا قىلدى، 59 ئادەم يارىلاندى. ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئىراقنىڭ بىر ئەمەلدارى مۇنداق دېدى: باغدادتىن شەرقىدىكى شىئەلەر توپلىشى ئولتۇراقلاشقان سادىر شەھىرىدىكى كىشىلەر زىچ بىر بازاردا شۇ كۈنى ئىككى قېتىم پارتلىتىش ھۇجۇمى يۈز بەردى. ھۇجۇم قىلغۇچى ئالدى بىلەن پارتلاتقۇچ ئورنىتىلغان ھەمدە بازار ئەتراپىغا ئالدىن توختىتىپ قويۇلغان بىر موتوسىكلىتنى پارتلاتتى، بىخەتەرلىك قىسمىنىڭ ئەسكەرلىرى ۋە ئامما پارتلاش بولغان يەرگە توپلاشقاندىن كېيىن، بىر ھۇجۇم قىلغۇچى كىشىلەر ئارىسىدا بەدىنىدىكى پارتلاتقۇچنى پارتلاتتى. ئەسەبىي تەشكىلات ئىسلام دۆلىتى بايانات ئېلان قىلىپ بۇ قېتىمقى ۋەقەگە مەسئۇل ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر