باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىكى 46 ناھىيە باغۋەنچىلىكتە ئىنتېرنېت قوشۇلغاننى ئىشقا ئاشۇردى

2016.02.29 14:40         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دېھقانلار ئەگەر ئۆز يېرىنى قانداق ئوغۇتلاش، تىككەن مېۋىلىك دەرەخلىرىنى قانداق قىلغاندا تېخىمۇ كۆپ مېۋە تۇتقۇزۇش، باراقسان ئۆستۈرۈشنى ئويلىسا، تۇپراقنى ئۆلچەپ، ئوغۇت تەييارلاش تېخنىكا سەھنىسىگە ئۆز يېرىنىڭ تەركىبىدىكى ئازوت، فوسفور، كالىينىڭ مىقدارىنى كىرگۈزسىلا، شۇ ھامان ئىلمىي ئوغۇت تەييارلاش ئۇسۇلىغا ئېرىشەلەيدۇ. بۇ-شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق نازارىتى تەتقىق قىلىپ چىققان «ئالاھىدە باغۋەنچىلىك بايلىقىنى باشقۇرۇش ۋە تۇپراقنى ئۆلچەپ، ئوغۇت تەييارلاش تېخنىكا سەھنىسى قۇرۇلۇشى» مۇھىم تۈرىدە ئېرىشىلگەن نىشان. پۈتۈن شىنجاڭدىكى 46 ناھىيە تۆت يىل تېرىشىش ئارقىلىق ئىنتېرنېت قوشۇلغان تېخنىكىسىنى ئىشقا ئاشۇردى.

  نۆۋەتتە، شىنجاڭدىكى 46 نۇقتىلىق ناھىيە تور نۇسخىسى، يەككە كومپىيۇتېر نۇسخىسى ۋە يانفون نۇسخىسى قاتارلىق ئۈچ سەھنىنى ئاچتى. بۇ سەھنىلەر شىنجاڭنىڭ زامانىۋى ئورمانچىلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ئەقلىي ئورمانچىلىقنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، ئىنتېرنېت قوشۇلغان ئورمانچىلىقتا ئۈلگە كۆرسىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ قوللىنىشچان مۇھىم تەدبىرىگە ئايلاندى.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسى زامانىۋى ئورمانچىلىق تەتقىقاتخانىسىنىڭ باشلىقى گاۋ ياچى مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئالاھىدە باغۋەنچىلىك بايلىقىنى باشقۇرۇش ۋە تۇپراقنى ئۆلچەپ، ئوغۇت تەييارلاش تېخنىكا سەھنىسى قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇپ ۋە كېڭەيتىلىپ، ئاپتونوم رايوندىكى نۇقتىلىق ئالاھىدە باغۋەنچىلىك ناھىيە، شەھەرلىرى تولۇق قاپلىنىدۇ. ئەنئەنىۋى ۋە زامانىۋى ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى بىرلەشتۈرۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە باغۋەنچىلىكىنى بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك باشقۇرۇشقا ئىلمىي ئاساس ۋە تىرەك ھازىرلاپ بېرىلىدۇ، بۇ-شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ دۆلەت ئىچى، سىرتىدىكى بازىرىنى ئېچىشقا پايدىلىق.

  مەلۇماتقا قارىغاندا، بۇلتۇر شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە باغۋەنچىلىك كۆلىمى 22 مىليون مو بولۇپ، يىللىق مېۋە مەھسۇلاتى يەتتە مىليون توننىغا، يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 50 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، باغۋەنچىلىك كىرىمىنىڭ دېھقانلار كىشى بېشى كىرىمىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %25 تىن ئېشىپ كەتكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر