- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى شېرىكلەشكەن–ھەمكارلاشقان كارخانىلىرىنىڭ ۋىۋىسكا يوپۇقى ئېچىلدى
2016.02.29 14:39 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
يېقىندا مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى يەنە بىر تۈركۈم كارخانىلىرى شېرىكلىشىش-ھەمكارلىشىشتىن كېيىن شۇ جايدا رويخەتكە ئالدۇردى. 26-فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن بۇ شېرىكلەشكەن، ھەمكارلاشقان كارخانىلارنىڭ ۋىۋىسكا يوپۇقى ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا، شىنجاڭ ئوتتۇرا تارىم غەربىي قىسىم نېفىتلىكى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قاتارلىق مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى شېرىكلىشىپ، ھەمكارلىشىپ شۇ جايدا رويخەتكە ئالدۇرغان ئالتە شىركىتىنىڭ ۋىۋىسكا يوپۇقىنى ئاچتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى كارخانىلىرىنىڭ شېرىكلىشىپ، ھەمكارلىشىپ شۇ جايدا رويخەتكە ئالدۇرۇش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىر تۇتاش پىلانلاش، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش، خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنى چىڭ تۇتتى. 2015-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن شېرىكلىك ۋە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان جۇڭگو نېفىت تەبىئىي گاز گۇرۇھىنىڭ قاراماي نېفىت-خىمىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، جۇڭگو نېفىت-خىمىيە گۇرۇھى بىلەن شېرىكلىك ۋە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان شىنجاڭ شىنچۈن نېفىت ئېچىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ۋىۋىسكا يوپۇقى كەينى -كەينىدىن ئېچىلغانىدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بۇ ئىككى تۈردە مۇھىم نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈش ئاساسىدا، ئىسلاھات، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى كارخانىلىرىدىن شۇ جايدا رويخەتكە ئالدۇرغان يەنە بىر تۈركۈم شېرىكلىك، ھەمكارلىق نۇقتىلىق تۈرلىرىنى بېكىتتى، تۈرلەرنىڭ مىقدارىنى كۆپەيتىش، نېفىت، تەبىئىي گاز رايونىدا قېدىرىپ ئېچىش بويىچە شېرىكلىشىش، ھەمكارلىشىش، خەلق ئاۋىياتسىيەسى قاتارلىق ساھەلەردە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلدى. بۇ قېتىم شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن شېرىكلەشكەن، ھەمكارلاشقان كارخانىلار ئىچىدە، مەركەز كارخانىلىرى، دۆلىتىمىزدىكى ئەمەلىي كۈچى بار چوڭ كارخانىلار، چوڭ گۇرۇھلارمۇ بار. ۋىۋىسكا يوپۇقى ئېچىلغان ئالتە كارخانا ئايرىم-ئايرىم جۇڭگو نېفىت تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتىنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق كارخانىلىرى بولۇپ، ئاقسۇ ۋىلايىتى، بايىنغولىن ئوبلاستى بىلەن شېرىكلىشىپ، ھەمكارلىشىپ قۇرغان شىنجاڭ ئوتتۇرا تارىم غەربىي قىسىم نېفىتلىكى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، شىنجاڭ بايىنغولىن ئوبلاستلىق تارىم ئېنېرگىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، جۇڭگو نېفىت – خىمىيە شىركىتىنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق كارخانىسى بىلەن بايىنغولىن ئوبلاستى، سانجى ئوبلاستى شېرىكلىشىپ، ھەمكارلىشىپ قۇرغان جۇڭگو نېفىت – خىمىيە شىركىتى شىنجاڭ بايىنغولىن ئوبلاستلىق نېفىت، تەبىئىي گاز چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، شىنجاڭ جۇڭگو نېفىت-خىمىيە شىركىتى بەشبالىق ئېنېرگىيە تىجارەت چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو ئاۋىياتسىيە يېقىلغۇسى شىركىتى بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش باشقۇرۇش كومىتېتى شېرىكلىشىپ، ھەمكارلىشىپ قۇرغان جۇڭگو ئاۋىياتسىيە يېقىلغۇسى شىركىتى شىنجاڭ ئاۋىياتسىيە يېقىلغۇسى چەكلىك شىركىتى، خەينەن ئاۋىياتسىيە شىركىتى شىنجاڭ شىركىتى بىلەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش باشقۇرۇش كومىتېتى شېرىكلىشىپ، ھەمكارلىشىپ قۇرغان ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قاتارلىقلاردۇر. بۇ، شېرىكلىشىش، ھەمكارلىشىش تۈرلىرىنىڭ نەتىجىلىك بولۇشى يەرلىكنىڭ دۆلەت مۈلكىنىڭ كېڭىيىش ئىقتىدارى، قىممىتىنى ساقلاش، قىممىتىنى، رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر خىل مۈلۈكچىلىكتىكى مەبلەغنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى قوبۇل قىلىپ، يېتەرسىزلىكلىرىنى تۈگىتىپ، ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىپ، ھەر مىللەت خەلقىنى ئىقتىسادىي تەرەققىيات مېۋىسىدىن تېخىمۇ كۆپرەك بەھرىمەن قىلىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر