باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كەسپىنى يەنىمۇ قوللاپ، قۇرۇلمىنى ياخشىلاش ئارقىلىق يېشىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش بېكىتىلدى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن ئورۇنلۇق پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت ئاساسىغا ۋارىسلىق قىلىپ، مىللىي روھنى مۇجەسسەملەش ئورۇنلاشتۇرۇلدى

2016.02.29 14:08         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە بۈگۈن گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كەسپىنى يەنىمۇ قوللاپ، قۇرۇلمىنى ياخشىلاش ئارقىلىق يېشىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش بېكىتىلدى؛ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن ئورۇنلۇق پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت ئاساسىغا ۋارىسلىق قىلىپ، مىللىي روھنى مۇجەسسەملەش ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەسپىنى ئوتتۇراھال ۋە يۇقىرى باسقۇچقا سىلجىتىش مۇھىت ئاسراش ۋە ياخشىلاشقا پايدىلىق بولۇپ، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىشتۈرۈشتىكى مۇھىم ۋاسىتە، يېڭى ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، دۆلەتنىڭ سىياسەت جەھەتتە يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە تەرەپلەرنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە، ئېلىمىزنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كەسپىدە تەتقىق قىلىش، كېڭەيتىش، تېخنىكا سەۋىيەسى قاتارلىق جەھەتلەردە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم يارىتىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش تېز ئاشتى. كېيىنكى قەدەمدە بازارنى يېتەكلەش ۋە يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي خەلق ئىگىلىك تىكلەش، ھەممە يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىپ، يادرولۇق تېخنىكىدىكى قىيىنچىلىقلارنى تىرىشىپ يېڭىپ، بوغما ھالەت چەكلىمىسىنى تۈگىتىپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ تەرەققىيات قەدىمىنى تېزلىتىش كېرەك. بىرىنچىدىن، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىنىدىغان باتارېيە ياساش تېخنىكىسىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك. چوڭ، ئوتتۇرا ۋە كىچىك كارخانىلار، ئالىي مەكتەپلەر، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، پەن تەتقىقات يۇرتلىرى ۋە ئورۇنلىرى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ بىرلىكتە قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچلۈك باتارېيەدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىسىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش مۇنبىرىنى ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھالقىلىق ماتېرىيال، باتارېيە سىستېمىسى قاتارلىق ئاساسىي تېخنىكىلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشقا بىرلىكتە كۈچەش كېرەك. مەركەز مالىيەسى مەبلەغ سېلىشنىڭ ئورنىغا مۇكاپات بېرىش شەكلىنى قوللىنىپ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىنىدىغان باتارېيەنىڭ ئىقتىدارى، سېتىلىش مىقدارى قاتارلىق كۆرسەتكۈچلەرگە ئاساسەن كارخانىلارنى تەقدىرلەيدۇ. ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىنىدىغان باتارېيەنى رەقەملەشتۈرۈپ ياسايدىغان يۈرۈشلۈك ئۈسكۈنىلەر تەتقىقاتىنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئىككىنچىدىن، توك قاچىلاش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش كېرەك. يەرلىك ھۆكۈمەت، مۈلۈكدار، ئېچىش سودىگەرلىرى، خوجىلىق ۋە ئېلېكتىر تورى كارخانىلىرى قاتارلىقلارنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە ھوقۇقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تۇرالغۇ، مەھەللە ۋە پارتكوم، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، كارخانىلار، كەسپىي ئورۇنلار، ئايرودۇرۇم مەنزىرە رايونى ۋە باشقا ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ توك قاچىلاش ئەسلىھەسى قۇرۇش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مەركەزنىڭ مالىيە خامچوتىدىكى مەبلەغ ۋە توك تەقسىملەش تورى مەخسۇس تۈر پۇل مۇئامىلە زايومى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ، جايلارنىڭ توك قاچىلاش ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى قوللاپ، يەرلىكنى توك قاچىلاشنى ئاساسىي ئۆلچەم قىلغان مۇكاپاتلاش ۋە ياردەم پۇلى بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، توك قاچىلاش مۇلازىمىتى ھەققىنى كېمەيتىش ياكى كەچۈرۈم قىلىش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، شەھەر ئاممىۋى قاتناش، كىرا ئاپتوموبىللىرى، مۇھىت ئاسراش، ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق ساھەلەرنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئىشلىتىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك. مەركەزنىڭ دۆلەت ئورگىنى، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنى ئومۇملاشتۇرغان شەھەرلەردىكى ھۆكۈمەت تارماقلىرى ۋە ئاممىۋى ئاپپاراتلارنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش نىسبىتى شۇ يىلى سەپلىنىپ يېڭىلانغان ئاپتوموبىلنىڭ ئومۇمىي نىسبىتىنى %50تىن ئاشۇرۇش كېرەك. تۆتىنچىدىن، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. كىرىش ئىجازىتى ئۆلچىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئەشيا ئوبوروتى تورىنى راۋاجلاندۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ تىزگىنلەش ۋە قەرەلسىز تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، جازالاش خاراكتېرىدىكى تۆلەم ۋە بازاردىن چېكىنىش قاتارلىق مېخانىزملارنى ئورنىتىش كېرەك. بەشىنچىدىن، مالىيە قوشۇمچە ياردەم پۇلى قاتارلىق يۆلەش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنىڭ قاتنىشى ۋە ئۇنى سېتىۋېلىشنى چەكلىمەسلىك تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، جايلار قورۇقچىلىقىنى تۈگىتىپ، تولۇقلىمىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش قىلمىشىغا زەربە بېرىش كېرەك. مەبلەغ سېلىپ مەنپەئەتكە ئېرىشىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ئىجتىمائىي كاپىتالنى توك قاچىلاش ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە تىجارىتى، ئاپتوموبىلنى ئىجارىگە بېرىش، باتارېيەنى يىغىۋېلىپ پايدىلىنىش قاتارلىق مۇلازىمەت ساھەلىرىگە سېلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. گوۋۇيۈەننىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى ۋە ئۇنىڭ ئاپپاراتلىرى ماسلاشتۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق قارالدى: مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى قايتا ھاسىل بولمايدىغان تارىخىي مەدەنىيەت بايلىقى. مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش، باشقۇرۇش ۋە مۇۋاپىق پايدىلىنىشنى كۈچەيتىش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، خەلقنىڭ ئەخلاق ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، مىللەتلەرنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقىنى كۈچەيتىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: بىرىنچى، قوغداش ھەممىدىن مۇھىم. مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش پىلانىنى تۈزۈپ يولغا قويۇپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدا كۆرۈلگەن چوڭ خەتەرلەرنى ۋاقتىدا تۈگىتىش؛ ئەسلىدىكىسىنى بۇزۇۋېتىپ ساختىسىنى ياساش، كونىسىنى چېقىۋېتىپ يېڭىسىنى سېلىش قاتارلىق ئىشلاردىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك. قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە رېمونت قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەدەنىيەت يادىكارلىق ئىمارەتلەرنىڭ ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قەدىمىي ئىزنا، قەدىمىي قەبرىلەر قاتارلىقلاردا ئوغرىدىن ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلاردىن ساقلىنىش ئەسلىھەلىرىنى تولۇقلاش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. ئىككىنچى، باشقۇرۇش ۋە قانۇن ئىجراسىنى كۈچەيتىش كېرەك. مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى تىزىملاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقى بايلىقلىرىنىڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قۇرۇش كېرەك. مۇھىم مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىكى قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش دېلولىرى ۋە بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە بىر تەرەپ قىلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئوغرىلاش ۋە ئۇنىڭغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش قىلمىشلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك. مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش بويىچە ئۆمۈرۋايەت جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىش كېرەك. ئۈچىنچى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن مۇۋاپىق ۋە جايىدا پايدىلىنىش كېرەك. تېخىمۇ كۆپ مۇزېينى مالىيەدىن چىقىم قىلىپ ھەقسىز ئېچىۋېتىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈش كېرەك. مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بايلىقىنىڭ ساياھەتچىلىكتىكى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقى مۇزېي كەسپى قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىجتىمائىي كۈچلەر ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن مەبلەغ سېلىپ قوغدىغان، رېمونت قىلغان شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك يۆتكەشكە بولمايدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قانۇن – بەلگىلىمىلەر بويىچە ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى ئۆزگەرتمىگەن ئاساستا، مەلۇم مەزگىلگىچە ئىشلىتىش ھوقۇقىنى بېرىشكە بولىدۇ. تۆتىنچى، سىياسەت جەھەتتە قوللاش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداشقا سېلىنىدىغان مەبلەغقە كاپالەتلىك قىلىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداشقا كاپالەتلىك قىلىش سۇغۇرتىسى تەسىس قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. ئەل ئارىسىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قانۇن بويىچە يىغىپ ساقلاشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، دۆلەت ئىلكىدە بولمىغان مۇزېينى راۋاجلاندۇرۇشنى قوللاش كېرەك. رەڭلىك تام رەسىملىرى، قەغەز مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، توقۇلما بۇيۇملار قاتارلىقلارنى قوغداش بويىچە بىر تۈركۈم پەن – تېخنىكىدا ئۈلگە كۆرسىتىدىغان نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارنى قىلىش كېرەك. بەشىنچى، مەدەنىيەت يادىكارلىقى مۇزېي كەسپى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق كەسىپلەردىكى ئىختىساسلىقلارنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈش كېرەك. مول مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئاممىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر