- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
سۇرىيەدىكى ئۆكتىچىلەر ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
2016.02.26 13:53 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
باش ئىشتابى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ پايتەختى رىيادقا تەسىس قىلىنغان سۇرىيەدىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ ئالىي سۆھبەت كومىتېتى 24-فېۋرال: ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ يېقىندا سۇرىيەدە توقۇنۇشۇۋاتقان ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئۇرۇش توختىتىشى ھەققىدە ھاسىل قىلغان كېلىشىمىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقى، ئۇرۇش توختىتىش ۋاقتىنىڭ ئىككى ھەپتە بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئەرەبىيە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى شۇ كۈنى بۇ كومىتېتنىڭ باياناتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: سۇرىيەدىكى ئۆكتىچىلەر ئىككى ھەپتىلىك ئۇرۇش توختىتىش ئۆكتىچى گۇرۇھ كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ سۇرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى كۆزىتىشكە ياردەم بېرىدۇ دەپ قارايدۇ. سۇرىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 23-فېۋرال بايانات ئېلان قىلىپ، سۇرىيە ھۆكۈمىتى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى قوبۇل قىلىدۇ، لېكىن سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ئەسەبىي تەشكىلات ئىسلام دۆلىتى ۋە بازا تەشكىلاتىنىڭ سۇرىيەدىكى تارمىقى قوللاش فرۇنتىنىغا قاراتقان ھەربىي ھەرىكىتىنى توختاتمايدۇ دەپ جاكارلىدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر