باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى بىر تۈركۈم كارخانىلىرىنىڭ شۇ جايدا رويخەتكە ئالدۇرۇپ، شېرىكلەشكەن–ھەمكارلاشقان كارخانىلىرىنىڭ ۋىۋىسكا يوپۇقى ئېچىلدى

جاڭ چۈنشيەن كارخانا مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشتى

2016.02.29 13:54         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى يەنە بىر تۈركۈم كارخانىلىرى شېرىكلىشىش – ھەمكارلىشىشتىن كېيىن شۇ جايدا رويخەتكە ئالدۇردى. 26 – فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن بۇ شېرىكلەشكەن، ھەمكارلاشقان كارخانىلارنىڭ ۋىۋىسكا يوپۇقى ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا، شىنجاڭ ئوتتۇرا تارىم غەربىي قىسىم نېفىتلىكى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قاتارلىق مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى شېرىكلىشىپ، ھەمكارلىشىپ شۇ جايدا رويخەتكە ئالدۇرغان ئالتە شىركىتىنىڭ ۋىۋىسكا يوپۇقىنى ئاچتى.

  مۇراسىمدىن ئىلگىرى جاڭ چۈنشيەن ئاپتونوم رايونىمىز بىلەن شېرىكلىك، ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان جۇڭگو نېفىت گۇرۇھى، جۇڭگو نېفىت خىمىيە گۇرۇھى، جۇڭگو ئاۋىياتسىيە يېقىلغۇسى شىركىتى، خەينەن ئاۋىياتسىيە گۇرۇھى قاتارلىق كارخانىلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشتى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى كارخانىلىرىنىڭ شېرىكلىشىپ، ھەمكارلىشىپ شۇ جايدا رويخەتكە ئالدۇرۇش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىر تۇتاش پىلانلاش، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش، خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنى چىڭ تۇتتى. 2015 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىز بىلەن شېرىكلىك ۋە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان جۇڭگو نېفىت گۇرۇھىنىڭ جۇڭگو نېفىت قاراماي نېفىت – خىمىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، جۇڭگو نېفىت – خىمىيە گۇرۇھى بىلەن شېرىكلىك ۋە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان شىنجاڭ شىنچۈن نېفىت ئېچىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ۋىۋىسكا يوپۇقى كەينى – كەينىدىن ئېچىلغانىدى. بۇ ئىككى تۈردە مۇھىم نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈش ئاساسىدا، ئاپتونوم رايونىمىز ئىسلاھات، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى كارخانىلىرىدىن شۇ جايدا رويخەتكە ئالدۇرغان يەنە بىر تۈركۈم شېرىكلىك، ھەمكارلىق نۇقتىلىق تۈرلىرىنى بېكىتتى، تۈرلەرنىڭ مىقدارىنى كۆپەيتىش، نېفىت، تەبىئىي گاز رايونىدا قېدىرىپ ئېچىش بويىچە شېرىكلىشىش، ھەمكارلىشىش، خەلق ئاۋىياتسىيەسى قاتارلىق ساھەلەردە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلدى.

  بۇ قېتىم ئاپتونوم رايونىمىز بىلەن شېرىكلىشىدىغان، ھەمكارلىشىدىغان كارخانىلار ئىچىدە، مەركەز كارخانىلىرى، دۆلىتىمىزدىكى ئەمەلىي كۈچى بار چوڭ كارخانىلار، چوڭ گۇرۇھلارمۇ بار. ۋىۋىسكا يوپۇقى ئېچىلغان ئالتە كارخانا ئايرىم – ئايرىم جۇڭگو نېفىت شىركىتىنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق كارخانىلىرى بولۇپ، ئاقسۇ ۋىلايىتى، بايىنغولىن ئوبلاستى بىلەن شېرىكلىشىپ، ھەمكارلىشىپ قۇرغان شىنجاڭ ئوتتۇرا تارىم غەربىي قىسىم نېفىتلىكى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، شىنجاڭ بايىنغولىن ئوبلاستلىق تارىم ئېنېرگىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، جۇڭگو نېفىت – خىمىيە شىركىتىنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق كارخانىسى بىلەن بايىنغولىن ئوبلاستى، سانجى ئوبلاستى شېرىكلىشىپ، ھەمكارلىشىپ قۇرغان جۇڭگو نېفىت – خىمىيە شىركىتى شىنجاڭ بايىنغولىن ئوبلاستلىق نېفىت، تەبىئىي گاز چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، شىنجاڭ جۇڭگو نېفىت – خىمىيە شىركىتى بېشبالىق ئېنېرگىيە تىجارەت چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو ئاۋىياتسىيە يېقىلغۇسى شىركىتى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى شېرىكلىشىپ، ھەمكارلىشىپ قۇرغان جۇڭگو ئاۋىياتسىيە يېقىلغۇسى شىركىتى شىنجاڭ ئاۋىياتسىيە يېقىلغۇسى چەكلىك شىركىتى، خەينەن ئاۋىياتسىيە شىركىتى شىنجاڭ شىركىتى بىلەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى شېرىكلىشىپ، ھەمكارلىشىپ قۇرغان ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قاتارلىقلاردۇر. بۇ، شېرىكلىشىش، ھەمكارلىشىش تۈرلىرىنىڭ نەتىجىلىك بولۇشى يەرلىكنىڭ دۆلەت مۈلكىنىڭ كېڭىيىش ئىقتىدارى، قىممىتىنى ساقلاش، قىممىتىنى، رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر خىل مۈلۈكچىلىكتىكى مەبلەغنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى قوبۇل قىلىپ، يېتەرسىزلىكلىرىنى تۈگىتىپ، ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىپ، ھەر مىللەت خەلقىنى ئىقتىسادىي تەرەققىيات مېۋىسىدىن تېخىمۇ كۆپرەك بەھرىمەن قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  كۆرۈشۈشتە جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: مەملىكەت بويىچە ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتى ئومۇميۈزلۈك چېكىنىش بېسىمىغا دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەتتە، مەركەز كارخانىلىرى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى كۈچەيتتى، مانا بۇ شىنجاڭنى قوللاشتۇر. مەركەز كارخانىلىرىدىن شىنجاڭغا ئىلگىرىكىدەكلا ئېتىبار بېرىشىنى، قوللىشىنى، ئىلگىرىكى ياخشى ھەمكارلىق ئاساسىدا، ھەمكارلىشىش ساھەسىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىنى ئاكتىپ ئادا قىلىپ، پۇقرالارنى ئىقتىسادىي تەرەققىيات مېۋىسىدىن بەھرىمەن قىلىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش ئاساسىدا، بازارنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، قوش نەپ ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  كارخانىلارنىڭ مەسئۇللىرى مۇنداق دېدى: مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى داۋاملىق ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىغا ئاساسەن، سىياسىي مەسئۇلىيەت، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىمىزنى يەنىمۇ ياخشى ئادا قىلىپ، شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى زورايتىپ، شېرىكلىشىش، ھەمكارلىشىش تۈرلىرىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشىمىز.

  مۇراسىمدا جاڭ چۈنشيەن قاتارلىق رەھبەرلەر ئايرىم – ئايرىم شۇ جايدا رويخەتكە ئالدۇرۇپ شېرىكلەشكەن، ھەمكارلاشقان ئالتە كارخانىنىڭ ۋىۋىسكا يوپۇقىنى ئاچتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر مۇراسىمدا مۇنداق دېدى: يېڭى ۋەزىيەتتە، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىسلاھاتى ئارقىلىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۈچۈن يېڭىدىن ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ توپلاشقا، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق كارخانىلارنىڭ ئۈلگىلىك، باشلامچىلىق قىلىش رولىنى تېخىمۇ كۆپ جارى قىلدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. شىنجاڭدا ھەقىقىي ئىسلاھ قىلىپ، ھەقىقىي ئىشلەپ، ھەقىقىي ئۈنۈمگە ئېرىشىشتە، نېفىت، نېفىت – خىمىيە ساھەسىدىكى شېرىكلىك، ھەمكارلىقتا ئىسلاھات تەجرىبىلىرىنى تەقلىد قىلىش بىلەن بىللە، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق كارخانىلارنىڭ شۇ جايدىكى قانۇنىي ئىگىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش بىلەن شېرىكلىشىش، ھەمكارلىشىشنى تېزدىن ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى كارخانىلىرى بىلەن شېرىكلىشىش، ھەمكارلىشىش تۈرلىرىنى تېزدىن ئىلگىرى سۈرۈپ، مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى كارخانىلىرىنىڭ مۇقىم ئېشىشتىكى ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەت كارخانىلىرى ۋە باشقا مۈلۈكچىلىكتىكى كارخانىلارنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىز قوللاش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، تېخىمۇ ياخشى مۇھىت يارىتىپ، مەركەز كارخانىلىرى قاتارلىقلار بىلەن بولغان شېرىكلىك، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قوش نەپ ئېلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.

  ۋىۋىسكا يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمىغا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى خۇاڭ ۋېي رىياسەتچىلىك قىلدى.

  بۇ پائالىيەتكە ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن جۇ خەيلۇن، ۋاڭ يۇڭمىڭ، ۋەن خەيچۈەن، جۇڭگو نېفىت گۇرۇھى شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى شۈ ۋېنرۇڭ، جۇڭگو نېفىت – خىمىيە گۇرۇھى شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ما يۇڭشېڭ، جۇڭگو ئاۋىياتسىيە گۇرۇھى شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى شى جېڭپىڭ، خەينەن ئاۋىياتسىيە گۇرۇھىنىڭ مۇئاۋىن باش لېدىرى جاڭ جىڭشېڭ قاتارلىقلار قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر