باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2016-يىلى مەركەز كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك كۆزىتىش گۇرۇپپىسى 12 ئورۇن ۋە رايونغا ئورۇنلاشتى

2016.02.29 16:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

   خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى- مەمۇرىي تەپتىش مەھكىمىسى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مەركەزنىڭ 9 - نۆۋەتلىك كۆزىتىش (2016-يىللىق مەركەز كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك كۆزىتىش گۇرۇپپىسى) 12 ئورۇن ۋە رايونغا كىلىپ، ئىككى ئايلىق كۆزىتىشنى قانات يايدۇرىدۇ.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، مەركەز 9 - نۆۋەتلىك كۆزىتىشتە: مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، دۆلەت تەرەققىيات - ئىسلاھات كومىتېتى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى، دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى، تاموژنا باش مەھكىمىسى، سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، سۈپەت تەكشۈرۈش باش ئىدارىسى، ئاخبارات - نەشرىيات-رادىيو -تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى، يېمەكلىك-دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، دۆلەت ساياھەت ئىدارىسى، دۆلەت دىن ئىشلىرى ئىدارىسى، دۆلەت ئەرزىيەت ئىدارىسى، دۆلەت ئاشلىق ئىدارىسى، دۆلەت ئېنېرگىيە مەنبەسى ئىدارىسى، دۆلەت مۇداپىئەسى پەن - تېخنىكا سانائىتى ئىدارىسى، دۆلەت تاماكا مونوپول تىجارەت ئىدارىسى، دۆلەت چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەر ئىدارىسى، دۆلەت مەمۇرلىرى ئىدارىسى، دۆلەت پوچتا ئىدارىسى، دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى، دۆلەت جۇڭگو تېبابىتى ۋە دورىگەرلىكنى باشقۇرۇش ئىدارىسى، مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى، مەملىكەتلىك تەمىنات - سودا باش كوپىراتىپى، مەملىكەتلىك ياشانغانلار خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسى، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيىسى قاتارلىق 32 ئورۇننىڭ پارتىيە تەشكىلىنى مەخسۇس كۆزىتىشنى قانات يايدۇرۇپ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، لياۋنىڭ، ئەنخۇي، شەندۇڭ، خۇنەن قاتارلىق 4 ئۆلكىدە كۆزىتىشتە بولىدۇ. يېقىندا، مەركەز كۆزىتىش گۇرۇپپىسى كەينى - كەينىدىن يۇقىرىقى رايونلار ۋە ئورۇنلاردا سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچىدۇ.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر