باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم رەھبەرلىرى جاڭ چۈنشيەننىڭ ھاۋالىسى بويىچە ئادەم قۇتقۇزغان تۆت ئوغلاننى يوقلىدى

2016.02.29 15:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 27 - فېۋرال، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەننىڭ ھاۋالىسى بويىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جاڭ ۋىنشىڭ خېنەننىڭ لوشەن ماشىنا ھادىسىسىدە ئادەم قۇتقۇزغان ئابدۇبىلال ئوسمان، ئېليار ئوسمان، ئېلزات ئوسمان، ئىلشات ھەسەنجان قاتارلىق تۆت نەپەر ئۇيغۇر ياشنى يوقلىدى ۋە ھال سورىدى، ئۇلارنىڭ ساخاۋەتلىك ھەققانىي ئىش قىلغانلىقىنى ماختىدى.

  جاڭ ۋىنشىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونىدىكى تۆت ئاكا - ئۇكىنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرى يوقلىدى ھەم ئۇلاردىن ھال سورىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: شۇجى جاڭ چۈنشيەن سىلەرنىڭ ئىش - ئىزلىرىڭلارنى بىلگەندىن كىيىن، سىلەرنىڭ ساخاۋەتلىك ھەققانىي ئىش قىلغانلىقىڭلارغا يۇقىرى باھا بېرىپ، سىلەرنىڭ ساخاۋەتلىك ئىش - ئىزلىرىڭلار شىنجاڭ روھىنى نامايەن قىلدى، شىنجاڭ ئوبرازىنى تىكلەپ بەردى دەپ قارىدى ھەمدە ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومغا سىلەردىن ھال سوراشنى ھاۋالە قىلدى.

  ئابدۇبىلال ئوسمان قاتارلىق تۆتەيلەن بىر نەۋرە قېرىنداش بولۇپ، بۇ يىگىتلەر23- فېۋرال چۈشتىن كىيىن سائەت3ئەتراپىدا ماشىنا ھەيدەپ جياڭسۇدىن ئۈرۈمچىگە قايتىپ كىلىۋاتقاندا، شاڭخەي - شەنشى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ خېنەن شىنياڭ لوشەن بۆلىكىدە جياڭشى فۇجۇدىن كەلگەن ۋاڭ ئەپەندى بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ماشىنا ھادىسىسىگە ئۇچراپ، ئىككى ئادەم يارىلانغانلىقىنى، بىر كىشىنىڭ يارىسى ئېغىر ئىكەنلىكىنى كۆرگەن. تۆت ئاكا - ئۇكا دەرھال ماشىنىسىنى توختىتىپ، بىر تەرەپتىن 120جىددىي قۇتقۇزۇش تېلېفونىغا تېلفۇن قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالدىغا بېرىپ يارىدارنى قۇتقۇزغان،تاكى قۇتقۇزۇش خادىملىرىغا ياردەملىشىپ يارىدارنى قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلىغا سېلىپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن كەتكەن.

  ھال سوراش جەريانىدا، جاڭ ۋىنشىڭ يەنە تۆت ئاكا - ئۇكىنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى، ئۇلارنى داۋاملىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە مەدەنىي ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇشقا رىغبەتلەندۈردى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپ يۈەن باۋشىن ھال سوراشتا بىللە بولدى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر