- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
جۇڭگو پۇقرالىرى ئېكۋاتورغا ساياھەتكە بارسا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىندۇ
2016.02.29 16:40 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئېكۋاتور دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 27-فېۋرال مۇنۇلارنى جاكارلىدى، 1-مارتتىن باشلاپ، جۇڭگو پۇقرالىرى ئېكۋاتورغا ساياھەتكە كەلسە ۋىزا كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.
ئېكۋاتور دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىر ھۆكۈمەت تەرەپ ئېلانىدا مۇنداق دېيىلگەن : ئېكۋاتور بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرىسىدىكى قويۇق دوستلۇق مۇناسىۋىتى، شۇنداقلا ئىككى دۆلەت كۈنسايىن ئېشىۋاتقان خادىملار ئالماشتۇرۇشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىشىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئېكۋاتور ھۆكۈمىتى بۇ يىل1-مارتتىن باشلاپ، ئېكۋاتورغا بېرىپ ساياھەت قىلىش، تۇققان يوقلاش ياكى پايدا ئېلىش خاراكتېرى بولمىغان پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىندىغان جۇڭگو پۇقرالىرى ئېكۋادور چېگىرسىدىن ۋىزىسىز ئۆتسە بولىدۇ. تۇنجى قېتىملىق چېگرىدىن كىرگەندىن باشلاپ بىر يىل ئىچىدە ئېكۋاتوردا ئەڭ ئۇزاق بولغاندا ۋىزىسىز 90 كۈن تۇرۇپ قېلىشقا بولىدۇ.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر