خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 27-فېۋرال خەۋەر قىلىنىشىچە، كەم ئۇچرايدىغان قوڭۇر رەڭ مۈشۈكئېيىق ‹‹چىزەي›› چىنلىڭ مۈشۈكئېيىق تەربىيەلەش بازىسى فوپىڭ بازىسىدا ئىككىنچى قىشنى ئۆتكۈزۈپ، باھار پەسلىنى كۈتۈۋالغان.
چىزەي بۇ يىل 6 ياشتا بولۇپ، ئۇ ئەركەك قوڭۇر رەڭ مۈشۈكئېيىق. 2014-يىل 28-دېكابىر چىزەي شەنشى ئۆلكىلىك ئەتىۋارلىق ياۋايى ھايۋانلارنى قۇتقۇزۇش ۋە بېقىش تەتقىقات مەركىزىدىن ئايرىلىپ، فوپىڭ بازىسىغا يۆتكەلگەن.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى