باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

2016.02.25 15:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 24-فېۋرال گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىنى ئاچتى، يىغىندا يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كەسپىنى قوللاش تەدبىرلىرى، قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇش ئارقىلىق يېشىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش بېكىتىلدى؛ مەدەنىي يادىكارلىقلارنى قوغداش ۋە مۇۋاپىق پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ، مىللىي روھنى ئۇرغۇتۇش ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەسىپ دەرىجىسىنىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى قاتلامغا ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مۇھىتنى ئاسراش ۋە ياخشىلاشقا پايدىلىق، يېڭى ئېنېرگىيە يارىتىشتىكى مۇھىم تۇتقا، يېڭى ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى مۇھىم مەزمۇن. يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، دۆلەت سىياسىتىنىڭ يېتەكلىشى ۋە تەرەپلەرنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن، ئېلىمىز يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنى تەتقىق قىلىپ ئومۇملاشتۇرۇش، تېخنىكا سەۋىيەسى جەھەتلەردە كۆرۈنەرلىك نەتىجىگە ئېرىشىپ، ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىلىشى تېز سۈرئەتتە ئاشتى. كېيىنكى قەدەمدە بازار يېتەكچىلىكى بىلەن يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي خەلق ئىگىلىك تىكلەش، ھەممە يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىپ، يادرولۇق تېخنىكلارنى تىرىشىپ ئىگىلەپ، چەكلىمىلەرنىڭ توسقۇنلۇقىنى تۈگىتىش، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ تەرەققىيات قەدىمىنى تېزلىتىش كېرەك. بىرىنچى، ئېنېرگىيە باتارېيەسىدە ئىنقىلاب خاراكتېرلىك بۆسۈشنى تېز ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك. چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار، ئالىي مەكتەپلەر، پەن-تەتقىقات ئورۇنلىرى قاتارلىقلارنى تەشكىللەپ بىرلىكتە مۇھىم ھالقىنى ئىگىلەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەڭ بەھرىلىنىدىغان ئېنېرگىيە باتارېيەسى يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى قۇرۇش، مۇھىم ماتېرىيال، باتارېيە سىستېمىسى قاتارلىقلارنىڭ ئورتاقلىقى، ئاساسىي تېخنىكا تەتقىقاتىدا مەركەزلەشتۈرۈپ كۈچ چىقىرىش كېرەك. مەركەز مالىيەسى مۇكاپاتلاشنى تولۇقلىما بېرىشنىڭ ئورنىغا قويۇپ، ئېنېرگىيە باتارېيەسىنىڭ ئىقتىدارى، سېتىلىش مىقدارى قاتارلىق كۆرسەتكۈچلەرگە ئاساسەن كارخانىلارنى مۇكاپاتلىشى كېرەك. ئېنېرگىيە باتارېيەسىنى رەقەملەشتۈرۈپ ياساشتىكى يۈرۈشلەشكەن قورال-جابدۇقلارنى قوللاشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىككىنچى، زەرەتلەش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش كېرەك. يەرلىك ھۆكۈمەت، مۈلۈك ئىگىسى، تەرەققىيات سودىگىرى، خوجىلىق ۋە ئېلېكتىر تورى كارخانىسى قاتارلىقلارنىڭ ھوقۇق ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئولتۇراق رايونى ۋە پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، كارخانا كەسپىي ئورۇنلىرى، ئايرودروم، مەنزىرە رايون ۋە باشقا جامائەت ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى قاتارلىق جايلاردا زەرەتلەش ئەسلىھەسى قۇرۇش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى مەبلەغ ۋە توك تەقسىملەش تورى مەخسۇس پۇل مۇئامىلە قەرزى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ جايلارنىڭ زەرەتلەش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى قوللاش، يەرلىكنى زەرەتلەش مىقدارىنى ئاساس قىلغان مۇكاپاتلاش تولۇقلىمىسى سىياسىتى ئورنىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، زەرەتلەش مۇلازىمەت ھەققىنى كېمەيتىش كېرەك. ئۈچىنچى، شەھەرلەرنىڭ ئاممىۋى ئاپتوبۇس، تاكسى، مۇھىت ئاسراش، ئەشيا-ئوبوروت قاتارلىق ساھەلىرىنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئىشلىتىش نىسبىتىنى ئاشۇرۇش كېرەك. مەركەزنىڭ دۆلەت ئورگانلىرى، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنى ئومۇملاشتۇرۇپ ئىشلەتكەن شەھەرلەرنىڭ ھۆكۈمەت تارماقلىرى ۋە جامائەت ئاپپاراتلىرى سېتىۋالغان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ شۇ يىلى سەپلەپ يېڭىلىنىدىغان ئاپتوموبىل ئومۇمىي مىقدارىدا ئىگىلىگەن نىسبىتىنى ٪50تىن ئاشۇرۇش كېرەك. تۆتىنچى، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئىجازەت ئۆلچىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سۈپەت بىخەتەرلىكى نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل بىرلەشكەن نەرسە تورىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ تىزگىنلەش، ھەرىكەتچان تەكشۈرۈشىنى كۈچەيتىپ، جازالاش خاراكتېرىدىكى تۆلەم تۆلىتىش ۋە بازاردىن چېكىندۈرۈش مېخانىزمى ئورنىتىش كېرەك. بەشىنچى، مالىيە تولۇقلىمىسى قاتارلىق تۆلەش سىياسەتلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنىڭ يۈرۈشى، سېتىلىشىغا چەك قويماسلىق تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. مۇۋاپىق مەبلەغ سېلىشقا جاۋاب قايتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىپ، ئىجتىمائىي كاپىتالنى زەرەتلەش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى، تىجارىتى ۋە ئاپتوموبىل ئىجارىگە بېرىش، باتارېيەنى قايتۇرۇۋېلىپ ئىشلىتىش قاتارلىق مۇلازىمەت ساھەسىگە كىرىشكە رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. گوۋۇيۈەن يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىشى، ئۇلارنىڭ ئىش بېجىرىش ئاپپاراتى ماسلاشتۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر