باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن «قارار» ئېلان قىلدى

گوۋۇيۈەن تارماقلىرىنىڭ مەمۇرىي تەستىقلاش ۋاسىتىچىلىك مۇلازىمىتىدە 2-تۈركۈمدە ئېنىقلاپ، قېلىپلاشتۇرىدىغان تۈرلىرى بېكىتىلدى

2016.02.29 14:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن يېقىندا زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ تەستىقلىشى بىلەن «گوۋۇيۈەن تارماقلىرىنىڭ مەمۇرىي تەستىقلاش ۋاسىتىچىلىك مۇلازىمەت تۈرىدىن 192نى 2-تۈركۈمدە ئېنىقلاش، قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قارار»نى ئېلان قىلىپ، گوۋۇيۈەن تارماقلىرىنىڭ مەمۇرىي تەستىقلاش ۋاسىتىچىلىك مۇلازىمەت تۈرىدىن يەنە بىر تۈركۈمنى ئېنىقلاپ، قېلىپلاشتۇرۇشنى قارار قىلدى، بۇلار ئەمدى مەمۇرىي تەستىقنىڭ بېجىرىش شەرتى قىلىنمايدۇ.

  ئېنىقلاپ، قېلىپلاشتۇرىدىغان ئىشلار ئاساسلىقى ئۈچ تۈرگە ئايرىلىدۇ: بىرىنچى، پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرىلىدىغان تۈرلەر، ئېنىقلاپ، قېلىپلاشتۇرغاندىن كېيىن ئىلتىماس قىلغۇچىلاردىن ئالاقىدار باھالاش، دەلىللەش، باھالاپ بېكىتىش، ئىسپاتلاش قاتارلىق ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلمايدۇ، 94 تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ ئىككىنچى، ئەسلىدىكى ئىلتىماس قىلغۇچى ۋاسىتىچى ئاپپاراتقا ئالاقىدار ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇشنى ھاۋالە قىلىشنى تەستىقلاش تارماقلىرى تەستىقلاش خىزمىتىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن تېخنىكىلىق مۇلازىمەت قىلىشقا ھاۋالە قىلىشقا ئۆزگەرتىلىدۇ، 53 تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ ئۈچىنچى، ئېنىقلاپ، قېلىپلاشتۇرغاندىن كېيىن، ئىلتىماس قىلغۇچى ئالاقىدار ماتېرىياللارنى ئۆزى تەييارلىسا ياكى ۋاسىتىچى ئاپپاراتقا داۋاملىق ھاۋالە قىلسا بولىدۇ، 45 تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر