باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

داۋالاش چىقىمىنىڭ تېز سۈرئەتتە كۆپىيىشىنىڭ ئارقىسىدا، داۋالاش سۇغۇرتا فوندى بارغانسېرى كۆپ چىقىم قىلىش بېسىمىغا دۇچ كەلمەكتە

2016.02.29 14:30         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ 26-فېۋرال ئېلان قىلغان خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: داۋالاش چىقىمىنىڭ تېز سۈرئەتتە كۆپىيىشىنىڭ ئارقىسىدا، داۋالاش سۇغۇرتا فوندى بارغانسېرى كۆپ چىقىم قىلىش بېسىمىغا دۇچ كەلمەكتە. چىقىمنىڭ ئېشىش كۆلىمى كىرىمنىڭ ئېشىش كۆلىمىدىن يۇقىرى بولدى، ھەتتا بەزى بىر قىسىم ئۆلكىلەردە كىرىم چىقىمىنى قامدىيالماسلىق ئەھۋالى كۆرۈلۈپ، فوند خېيىم-خەتىرى كۈنسېرى گەۋدىلىك بولدى.

  خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: نۆۋەتتە ئېلىمىزدە نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشى ئېغىر، ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش بوشلۇقى كۈنسېرى كىچىكلىمەكتە، تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنىڭ تەمىنات سەۋىيەسى داۋاملىق ئۆستى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندى كىرىم چىقىمىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش بارغانسېرى زور بېسىمغا دۇچ كەلمەكتە.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قېرىلىشىشىنىڭ تىزلىشىشىغا ئەگىشىپ، دەم ئېلىشقا چىقىدىغانلارنىڭ سانى يىلمۇ-يىل كۆپەيمەكتە، ئېلىمىزدە كارخانىلاردىن پېنسىيەگە، دەم ئېلىشقا چىققانلارنىڭ سانى 2004-يىلدىكى 37مىليون 750مىڭدىن ئېشىپ، 2014-يىلى 80مىليون 150مىڭغا يېتىپ، ياشانغانلار سۇغۇرتىسى فوندىنىڭ يۈكى بارغانسېرى ئېغىرلاشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر