- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئېلىمىزدىن قازاقىستانغا بارىدىغان ئەڭ چوڭ چېگرا ئېغىزىدە قونۇش ۋىزىسى رەسمىي بېجىرىلدى
2016.02.29 14:31 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
نەق مەيداندا سۈرۈشتۈرۈش، قوبۇل قىلىش، تەستىقلاپ ۋىزا بېرىشكە يېرىم سائەتمۇ كەتمىدى، قازاقىستانلىق سودىگەر ئەركىن قۇربايىف جۇڭگو-قازاقىستان قورغاس چېگرا ئېغىزىدا قونۇش ۋىزىسى ئېلىپ، جۇڭگو تەۋەسىگە ئوڭۇشلۇق كىردى. قورغاس چېگرا ئېغىزى 26-فېۋرال ۋىزا مۇلازىمىتىنى رەسمىي باشلىغاندىن كېيىن، تۇنجى چەتئەللىك يولۇچىنى كۈتۈۋالدى. قورغاس چېگرا ئېغىزى ۋىزا ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى شيې گېن مۇنداق دېدى: چېگرا ئېغىزىدا قونۇش ۋىزىسى بېجىرىش ئارقىلىق، قورغاسنىڭ ئېلىمىز بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشىدا غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى قورغانلىق رولىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش ۋە سودا، ساياھىتىگە تۈرتكە بولىدۇ شۇنداقلا جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا، ياۋروپا قاتارلىق جايلارنىڭ ئىقتىساد-سودا، دوستلۇق ئالاقىسىنى كۈچەيتىدۇ. قونۇش ۋىزىسى مۇلازىمىتى-قورغاس چېگرا ئېغىزى ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىن، بۇرۇنقى مۇرەككەپ بېجىرىش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، ۋىزا بېجىرىش ۋاقتىنى قىسقارتىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەر قايسى دۆلەت پۇقرالىرى، سودىگەرلىرى، مۇتەخەسسىس، ئالىملىرىنىڭ چېگرىدىن كىرىشىنى قولايلاشتۇرۇپ، يەرلىكنىڭ ساياھەت ۋە سودا تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر