- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ياپونىيە فىلىپپىننى ھەربىي جابدۇقلار بىلەن تەمىنلىدى
2016.02.29 14:39 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
فىلىپپىننىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جاسمىڭ ئۈلۈشكۈن مۇنداق دېدى: ياپونىيە فىلىپپىننى ھەربىي جابدۇقلار بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، فىلىپپىن بىلەن ياپونىيە 29-فېۋرال كېلىشىم ئىمزالايدۇ. بۇ ياپونىيەنىڭ تۇنجى قېتىم شەرقىي ئاسىيا دۆلىتى بىلەن ئىمزالىغان مۇداپىئە ئىشلىرى ھەمكارلىق كېلىشىمى. جاسمىڭ مۇنداق دېدى: مەن ياپونىيەنىڭ فىلىپپىندىكى باش ئەلچىسى ئىچىكاۋاتوشۇ بىلەن فىلىپپىننىڭ پايتەختى مانىلادا بۇ كېلىشىمنى ئىمزالايمەن. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىككى تەرەپ ياپونىيەنىڭ قايسى ھەربىي جابدۇقلار بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى مۇزاكىرىلەشمىدى. جاسمىڭ يەنە مۇنداق دېدى: فىلىپپىن ئارمىيەسى ھازىر ئاخبارات توپلاش، نازارەت قىلىش ۋە رازۋېدكا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە ئېھتىياجلىق. ئۇ مۇنداق دېدى: فىلىپپىن بىلەن ياپونىيە خېلى بۇرۇنلا مۇداپىئە ئىشلىرى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە باشلىغان، كېلىشىم ئىمزالاشتىن مەقسەت ئىقتىسادى يېتەرسىز فىلىپپىن ئارمىيەسىنى تولۇقلاش، بۇ ھېچقانداق بىر دۆلەتكە قارىتىلمايدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر