باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سومالىنىڭ جەنۇبىدا ئىككى قېتىم ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھۇجۇمى يۈز بەردى

2016.02.29 14:38         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سومالى ساقچى دائىرىلىرى تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: سومالىنىڭ جەنۇبىدىكى بەردوئا رايونىدا شۇ كۈنى كەچتە ئىككى قېتىم ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھۇجۇمى يۈز بېرىپ ئاز دېگەندىمۇ 21 ئادەم قازا قىلدى، ئۇندىن باشقا نۇرغۇن ئادەم يارىلاندى. بەردوئا يەرلىك ساقچى دائىرىلىرى مۇنداق دېدى: بەردوئا رايونىدىكى بىر مېھمانسارىيى شۇ كۈنى كەچتە ماشىنا بومبىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى، ئارقىدىن بىر ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىپ ھۇجۇم قىلغۇچى بەردوئادىكى يەنە بىر مېھمانسارايدا بەدىنىدىكى پارتلاتقۇچنى پارتلاتتى. ئىككى قېتىملىق ھۇجۇمدا ئاز دېگەندىمۇ 21 ئادەم قازا قىلدى، قازا قىلغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى پۇقرالار، يارىلانغۇچىلار يەنىمۇ كۆپىيىشى مۇمكىن. سومالىدىكى ئەسەبىي تەشكىلاتى ياشلار پارتىيەسى بۇ ئىككى قېتىملىق ھۇجۇمنى ئۆزلىرىنىڭ سادىر قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. سومالىدىكى ياشلار پارتىيەسى بازا تەشكىلاتى بىلەن ئالاقىسى بار ئەسەبىي تەشكىلات.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر