باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون خوتەن ۋىلايىتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بويىچە تەرەققىياتنى تېزلىتىش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

2016.02.29 13:55         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايوننىڭ خوتەن ۋىلايىتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بويىچە تەرەققىياتنى تېزلىتىش سۆھبەت يىغىنى 25 - فېۋرال خوتەن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى، يىغىندا مەركەزنىڭ يۆلەش - ئېچىش خىزمىتى يىغىنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى ۋە يۆلەش - ئېچىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ يۆلەش - ئېچىش ۋە رايون تەرەققىياتىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرى خۇلاسىلەندى ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇلدى، نەق مەيدان كۆزدىن كەچۈرۈلۈپ، دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىلەر ئانالىز قىلىنىپ، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ «13 - بەش يىل»دا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بويىچە تەرەققىياتنى تېزلىتىش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

  سۆھبەت يىغىنىدىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايون مەخسۇس خادىملارنى خوتەن ۋىلايىتىگە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا ئەۋەتتى، ئالاقىدار تارماقلار ئەستايىدىل تەتقىق قىلدى ھەم خوتەن ۋىلايىتىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا قويدى. يەنە خوتەندە مەخسۇس سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بويىچە تەرەققىياتنى تېزلىتىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى قەتئىي ئىرادىسى ۋە خوتەندىكى ھەر مىللەت خەلققە بولغان ئالاھىدە غەمخورلۇقى، خوتەن ۋىلايىتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى ۋە قوللايدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى.

  يىغىندا، خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى يەن گوشەن ئالاقىدار ئەھۋاللارنى دوكلات قىلىپ، ۋىلايەتلىك پارتكوم، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە تەرەققىياتنى تېزلىتىش ئىشەنچىسى ۋە ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى؛ ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاڭ چۈنلىن، ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ما چېڭ ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار تارماقلارغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ، خوتەننىڭ تەرەققىياتىنى قوللاشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى. نىيە ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى شاۋ زېچىن، كېرىيە ناھىيەسىنىڭ قارقى يېزىسى قاغىلىق كەنتى كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئابدۇغېنى قاسىم نامرات ناھىيە، نامرات كەنتلەرگە ۋاكالىتەن سۆز قىلدى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: خوتەن ۋىلايىتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بويىچە تەرەققىياتنى تېزلىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى تولۇق تونۇش كېرەك. خوتەن ۋىلايىتى شىنجاڭ بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسى ئەڭ مۈشكۈل رايون، شىنجاڭدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى نىسبەتەن ئارقىدا قالغان رايون، رايون ئەھۋالى ئالاھىدە مۇرەككەپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى ساقلاش ۋەزىپىسى ئېغىر، ئىستراتېگىيەلىك ئورنى ناھايىتى مۇھىم. خوتەن ۋىلايىتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بويىچە تەرەققىياتنى تېزلىتىش شىنجاڭنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشىغا، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم قۇرۇلۇش. ئاپتونوم رايوندىكى مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر ئومۇمىيەتنى كۆزلەپ، پائال ھەرىكەتلىنىپ، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش بويىچە تەرەققىياتنى تېزلىتىشنى تۈرلۈك ئاماللار بىلەن قوللىشى كېرەك. خوتەندىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما ئىككى بىلىكى ۋە ئەقىل - پاراسىتىگە تايىنىپ، يەنىمۇ غەيرەتكە كېلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، خوتەننىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشنىڭ يېڭى ئىلگىرىلىشىنى تىرىشىپ يارىتىشى كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خوتەن ۋىلايىتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بويىچە تەرەققىياتنى تېزلىتىشتە جەزمەن پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 –، 4 –، 5 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چۆرىدەپ، يېڭىلىق يارىتىش، ماسلاشتۇرۇش، يېشىل بولۇش، ئوچۇق بولۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيە، مەسىلە، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە ماسلىشىپ، تەمىنلەشتىكى يانداش قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى كۈچەيتىپ، سىياسەت جەھەتتىن قوللاش، خوتەن ۋىلايىتى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلەش، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر ياردەمچى بولۇش، جەمئىيەتتىكىلەر ئومۇميۈزلۈك قاتنىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى كۈچەپ تولۇقلاپ، مۇھىم نۇقتا، قىيىن نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، 2020 – يىلى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن خوتەن ۋىلايىتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بويىچە تەرەققىياتنى تېزلىتىش توغرىسىدا يەتتە تۈرلۈك تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى:

  بىرىنچى، خوتەن ۋىلايىتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ھەقىقىي تۈردە مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىشى كېرەك. خوتەن ۋىلايىتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى بىرىنچى دەرىجىلىك مۇھىم ئىش ۋە بىرىنچى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى قىلىپ تۇتۇشى، ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار تارماقلار تۈر، سېلىنما، نىشانلىق ياردەم بېرىش، يۆلەش، ئىختىساسلىقلار سىياسىتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇشى كېرەك. دەل جايىدا پەرقلەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئەڭ ھالقىلىق، ئەڭ تەخىرسىز خىزمەتنى ياخشى ئىشلەپ، ئاشكارا، ئېنىق مەشغۇلاتقا كاپالەتلىك قىلىپ، ئاممىنى چىن كۆڭلىدىن قايىل قىلىشى كېرەك. ئالدى بىلەن مەنىۋى جەھەتتىن يۆلىشى، ھەم ‹‹قورساق توق بولۇش››نى ئىشقا ئاشۇرۇشى، ھەم ‹‹ئەقلىي ياردەم››نى كۈچەيتىشى، ھەر مىللەت ئاممىنى سۇبيېكتلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى، ئىككى قولىغا تايىنىپ گۈزەل يۇرت – ماكان قۇرۇپ چىقىشقا يېتەكلىشى كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى مۇھىم ھالقا مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم ھالقا تەكشۈرۈپ باھالاشنى كۈچەيتىشتە، مەركەزنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايوننىڭ تەكشۈرۈپ باھالاش چارىسىنى تېزدىن تۈزۈپ چىقىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مەسئۇلىيىتىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئىككىنچى، ئەۋزەل، ئالاھىدە يېزا ئىگىلىكىنى جانلاندۇرۇش، كۈچەيتىش كېرەك. ئۈچ ئىدىيە: كىرىمنى كۆپەيتىشنى يادرو قىلىش ئىدىيەسى، 1 –، 2 –، 3 –كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات ئىدىيەسى، يېشىل يېزا ئىگىلىكى ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇش كېرەك. يەتتە تۈرلۈك تەدبىرنى كۈچەيتىش كېرەك: خوتەننىڭ ئاشلىق تېرىقچىلىقى ۋە سېتىۋېلىشتىكى يېتەكچى پىلاننى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، بۇغداي كۆلىمىنى تەدرىجىي ئازايتىش كېرەك؛ باغۋاراننى ئۆزگەرتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك؛ يەم – خەشەك تېرىقچىلىقىنى چىڭ تۇتۇپ، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىقنى بىرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى تېز راۋاجلاندۇرۇشنى قوللاش كېرەك؛ رايون ئالاھىدىلىكىگە ئىگە خاس يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك؛ ھويلا – ئاران ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك؛ يېتەكلەشچانلىققا ئىگە بىر تۈركۈم باشلامچى كارخانىلارنى كىرگۈزۈپ ۋە يېتىشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش – ئوبوروت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  ئۈچىنچى، كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىشنى گەۋدىلىك ۋەزىپە قىلىش كېرەك. ‹‹13 – بەش يىل››دا خوتەن ۋىلايىتى كەسىپ ساھەسىدە زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتا بۆسۈش ھاسىل قىلىشى كېرەك. ئەۋزەللىكلەرنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، خاس كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، خاسلىققا، ئەۋزەللىككە ئىگە، ئاسان ۋۇجۇدقا چىقارغىلى، نەتىجە ياراتقىلى بولىدىغان كەسىپلەرنى ئالدىن يولغا قويۇپ، مەركەزنىڭ ۋە شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ بىر تۈركۈم چوڭ كارخانا گۇرۇھلىرىنى كىرگۈزۈپ، كەسىپ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىش، ھەممە ئىگىلىك تىكلەش، ئامما يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېڭى كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش، شەكىللەندۈرۈش كېرەك. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاشنى تۇتۇش بىلەن بىللە، توقۇمىچىلىق – كىيىم – كېچەك، مىللىي ئالاھىدىلىك، قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىش، قاشتاشچىلىق ۋە ئالاھىدە ساياھەتچىلىك، بىناكارلىق، ئەشيا ئوبوروتى – تېز يوللانما قاتارلىق ئالتە كەسىپنى نۇقتىلىق تۇتۇش كېرەك. پەسىللىك، ۋاقىتلىق جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىنى زور دەرىجىدە كۆپەيتىش كېرەك. ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە، بولۇپمۇ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بەرگەن ئۆلكە، شەھەرلەرگە بېرىپ، يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئەمگەكچىلەرنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بەرگەن ئۆلكە، شەھەرلەرگە بېرىپ ئىشلەمچىلىك، تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. يېڭىچە شەھەر – بازارلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، خوتەن شەھەر رايونىنىڭ مەركىزىي شەھەر قۇرۇلۇشىنى قوللاپ، ‹‹خوتەن، قاراقاش، لوپ›› بوستانلىقى شەھەر، بازار توپى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  تۆتىنچى، ئۇل ئەسلىھەلەرنى ھەقىقىي ياخشىلاش كېرەك. ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، خېلى ۋاقىتقىچە نەپ بېرىدىغان بىر تۈركۈم مۇھىم قۇرۇلۇشلارنى قوللاپ، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. قاتناش قۇرۇلۇشىدا خوتەننىڭ قاتناش ئاساسى ئاجىز بولۇشتەك ئەھۋالنى ئۈزۈل – كېسىل ئۆزگەرتىش كېرەك؛ سۇچىلىق قۇرۇلۇشىدا تارىخىي ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؛ ئېلېكتىر قۇرۇلۇشىدا خوتەننىڭ توك يېتىشمەسلىك، توك باھاسى يۇقىرى بولۇش مەسىلىسىنى ئۈزۈل – كېسىل ھەل قىلىش كېرەك.

  بەشىنچى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. ئىدىيەنى ئىزچىل ئازاد قىلىپ، ئۇزاقتىن بۇيان يېزا ئىگىلىك مەدەنىيىتى ۋە بوستانلىق ئىگىلىكى پەيدا قىلغان ئىدىيە ۋە قاراشنىڭ چەكلىمىسىىنى قەتئىي تۈگىتىپ، غەيرەتكە كېلىپ ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىپ، يېتەكلەش خاراكتېرىدىكى ئىسلاھاتنى نۇقتىلىق ئىلگىرى سۈرۈپ، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. نەزەرىمىزنى خوتەن ۋىلايىتىدىن ھالقىتىپ، تەرەققىي قىلىشنى كۆزلەش، بولۇپمۇ ئىشىكنى بېيجىڭ، تيەنجىن، ئەنخۇيغا ئېچىۋېتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ۋە جۇڭگو – پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  ئالتىنچى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئەلنى مايىل قىلىشتىكى مۇھىم ھالقا قىلىپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتتە باراۋەر بولۇشنى تۇتقا قىلىپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى يېتەكچى قىلىپ، سىجىل كۈچەپ، ياخشى ھەم ئەمەلىي ئىشلەپ، ھەقىقىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، ‹‹قوش تىل›› مائارىپىغا ئەھمىيەت بېرىپ، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئالىي مائارىپ ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشىنى قوللاش كېرەك. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە ۋە شەھەرلەرنىڭ ياردەم قىلىشى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دوختۇرخانىلارنىڭ يۆلىشى، يىراقتىن داۋالاش قاتارلىقلار ئارقىلىق ۋىلايەت ۋە ناھىيە دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارنىڭ داۋالاش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا – بازار ۋە كەنت شىپاخانىلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش كېرەك. تۆۋەن كاپالەت سىزىقى ۋە نامراتلىق سىزىقىدىن ئىبارەت ‹‹ئىككى سىزىقنى بىرلەشتۈرۈش››نى تېزلىتىپ، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنىڭ سەۋىيەسىنى تەدرىجىي ئۆستۈرۈپ، مېيىپلەرنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى ۋە مۇلازىمەت سىستېمىسىنى كۈچەپ مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. يېزىلارنىڭ سۇ، توك، يول، تەبىئىي گاز ۋە ئۆي مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، ھەم دېھقانلارنىڭ ئىرادىسىگە، رايىغا بېقىشقا، ھەم پىلانلىق ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

  يەتتىنچى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ھەقىقىي ياخشى ئاسراش كېرەك. سۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ئەڭ مۇھىمى سۇ ئىشلىتىشتىكى ئۈچ چەكلىمىگە قاتتىق ئەمەل قىلىش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىلىدىغان سۇنى ئازايتىشتىكى بىردىنبىر چىقىش يولى سۇنى تېجەشتۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن سۇ تېجەش بىلەن يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنى، شورلۇق يەرنى تىزگىنلەشنى، تېرىلغۇ يەرنى چېكىندۈرۈپ سۇنى ئازايتىشنى، تۈزۈلمە – مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قۇرۇلۇشى ۋە قوغداش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش يېشىل ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، بوستانلىقنىڭ چېتى، قۇم – بوران ئاپىتى ئېغىر رايونلارنىڭ ئېكولوگىيەسىنى تۈزەشنى كۈچەيتىش كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: خوتەن ۋىلايىتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش تەرەققىياتىغا كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. سىياسىي ئەۋزەللىك، مەخسۇس تۈر بويىچە يۆلەش، كەسىپلەر بويىچە يۆلەش، ئىجتىمائىي كۈچلەر يۆلەش، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بەرگۈچى ئۆلكە، شەھەرلەر يۆلەشتىن ئىبارەت ‹‹تۆت بىر گەۋدە››نىڭ مېخانىزم جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەت نامراتلارنى يۆلەش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ مالىيە، پۇل مۇئامىلە ۋە ئىجتىمائىي كۈچلەر سېلىنمىسىنىڭ سالمىقىنى زورايتىپ، سېلىنما مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك؛ ئىختىساسلىقلارنىڭ مەدەت بېرىشىنى قوللاپ، كادىرلارنى كۆپەيتىپ، ئىختىساسلىقلارنى كۆپلەپ كىرگۈزۈپ، ئىختىساسلىق كادىرلارنى كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق تەربىيەلەپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: جاڭ چۈنشيەن شۇجى مۇھىم سۆزىدە مەركەزنىڭ تەلىپىنى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتى ھەم خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە يېتەرسىزلىكلىرىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ناھايىتى ئىلمىي، ناھايىتى توغرا، ئەمەلىي تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ خوتەن ۋىلايىتى ئۈچۈن مۇھىم پۇرسەت، ئاپتونوم رايونىمىز ئۈچۈن ئېيتقاندا، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بويىچە تەرەققىياتنى تېزلىتىشكە يېتەكچىلىك قىلىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالاقىدار تارماقلار يولغا قويۇش لايىھەسى ۋە تەپسىلاتىنى تېزدىن تۈزۈپ چىقىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ، مەركەزنىڭ سىياسىي جەھەتتە قوللىشىنىڭ خوتەن ۋىلايىتىگە تېخىمۇ كۆپ نەپ يەتكۈزۈشىنى پائال قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. خوتەن ۋىلايىتى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاپتونوم رايوننىڭ خىزمەتلەرنى ئۇدۇللاشتۇرۇپ ياخشى ئىشلىشىگە، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ قاراتمىلىقى كۈچلۈك، مەزمۇنى مول قوللاش تەدبىرلىرىنى تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. مەركەزنىڭ نۇقتىلىق يۆلەش ئورۇنلىرىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدا تۇرۇشلۇق ئاپپاراتلىرى مەركەزنىڭ ھەر قايسى تەرەپلەردىكى بايلىقلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئېتىبار بېرىش سىياسىتى ۋە تەدبىرلىرىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا ھەمدەمدە بولۇشى كېرەك. ئاپتونوم رايوندىكى چوڭ، ئوتتۇرا كارخانىلار بازار ئېچىش، تېخنىكا قاتارلىق جەھەتلەردىكى خاس ئەۋزەللىكلىرىدىن پايدىلىنىپ، يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشى كېرەك. ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئىجتىمائىي كۈچلەر ئومۇمىيەت ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، بىر نىيەتتە ھەر جەھەتتىن سىجىل، بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلىشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، ئالاھىدە تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بويىچە تەرەققىياتنى تېزلىتىش كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن قاتارلىق ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى ۋە يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر 25 – فېۋرال چۈشتىن كېيىن ئۈچ گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، خوتەن شەھىرىنىڭ ئىتتىپاق يېڭى كەنتى، شىنجاڭ خوتەن قوي يۇڭى توقۇمىچىلىق – بوياقچىلىق چەكلىك شىركىتى، خوتەن ‹‹جۇڭيى›› ماشىنا – ئېلېكتىر بازىرى، خوتەن ناھىيەسى لايقا يېزىسىنىڭ شاپتۇلئېرىق كەنتى قاتارلىق جايلارنىڭ نامراتلىق ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، قىيىنچىلىقى بارلاردىن ھال سورىدى، كەنت قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، كەنت ئاھالىلىرىنى باشقا جايغا كۆچۈرۈش، ھويلا – ئاران ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، كەسىپلەر ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق نامراتلارنى يۆلەش توغرىسىدىكى تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش داۋامىدا قولغا كەلتۈرگەن ئەمەلىي نەتىجىلەرنى ئىگىلىدى ھەم كېيىنكى باسقۇچتىكى خىزمەتلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىلارنىڭ نەق جايىدا ئەمەلىيلىشىشىنىڭ ھەقىقىي ئۈنۈم بېرىشىگە كاپالەتلىك قىلدى.

  ئاپتونوم رايون ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى رەھبەرلىرىدىن چې جۈن، ۋاڭ يۇڭمىڭ، چيەن جى، بەي جىجيې، ۋەن خەيچۈەن، ئابلىز نىياز ۋە شىنجاڭ ھەربىي رايونى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى، ھاۋا ئارمىيەسى ئۈرۈمچى قوماندانلىق ئىشتابىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار؛ ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلار، مەركەزنىڭ نامراتلارنى نۇقتىلىق يۆلەش ئورۇنلىرىنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئاپپاراتلىرى، ئاپتونوم رايوندىكى چوڭ، ئوتتۇرا كارخانىلارنىڭ مەسئۇللىرى، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ بىر قانچە چوڭ بەنزىسىدىكىلەر ۋە ناھىيە(شەھەر)، شۇنداقلا ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى؛ بەزى سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى ۋە كارخانىلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر