- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
جۇڭگودىكى ئەڭ ياش شەھەر __ قۇرۇمقاش شەھىرى قۇرۇلدى
2016.02.29 14:16 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 26-فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىدىكى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ 14-دېۋىزىيەسى 224-پولكى تۇرۇشلۇق جايدا، گوۋۇيۈەن ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەستىقلىغان جۇڭگودىكى ئەڭ ياش شەھەر __ قۇرۇمقاش شەھىرى رەسمىي ۋىۋىسكا ئېسىپ قۇرۇلدى.
قۇرۇمقاش شەھىرىنىڭ مەركىزىي شەھەر رايونى بىڭتۈەن 14-دېۋىزىيە 224-پولكىغا جايلاشقان بولۇپ، مەمۇرىي رايونلىرىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 687.13 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ قاراقاش ناھىيەسى، گۇما ناھىيەسى ۋە چىرا ناھىيەسىگە تارقالغان بولۇپ، خوتەن شەھىرى بىلەن 78 كېلومېتىر كېلىدۇ. 21-ئەسىردە يېڭى قۇرۇلغان بىر زامانىۋىي يېزا ئىگىلىك ئۈلگە كۆرسىتىش تۈەن-مەيدانى بولغان 224-پولك قۇملۇقتا قۇرۇلغان تۈەن-مەيدان بولۇپ، ھەممىسىگە ئۆزى بېسىم ھاسىل قىلىدىغان يېڭى تىپتىكى سۇ تېجەيدىغان سۇغۇرۇش تېخنىكىسى قوللىنىلغان، يېپەك يولىدىكى ئەڭ پارلاق مەرۋايىت بولۇپ قالدى. بۇ يەردە ئىشلەپچىقىرىلغان خوتەن قاشتېشى چىلىنى دۆلەت ئىچى-سىرتىغا داڭلىق بولۇپ، ماركا ئەۋزەللىكى ئەڭ كۈچلۈك يېزدا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتى بولۇپ قالدى.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر