باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى يېڭى تەرەققىيات بانكىسىنىڭ باش ئىشتابى شاڭخەيدە قۇرىلىدىغان بولدى

2016.02.29 14:31         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دىپلوماتىيە مىنىسىتىرى ۋاڭيى،شاڭخەي شەھىرىنىڭ باشلىقى ياڭ شيوڭ تۆنۈگۈن ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى يېڭى تەرەققىيات بانكىسىنىڭ باشلىقى كامات بىلەن يېڭى تەرەققىيات بانكىسى باش ئورگىنى كېلىشىمى ۋە يېڭى تەرەققىيات بانكىسى باش ئورگىنى ئورۇنلاشتۇرغان چۈشىنىش ئەسلەتمىسىنى رەسمى ئىمزالىدى. ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى يېڭى تەرەققىىيات بانكىسى ئالتۇن كېسەك بەش دۆلىتى تەشەببۇس قىلىپ قۇرغان ھۆكۈمەتلەر ئارا خەلقئارا تەشكىلات، ئۆتكەن يىلى 7-ئايدا يېڭى تەرەققىيات بانكىسى رەسمى قۇرۇلدى، « يېڭى تەرەققىيات بانكىسى قۇرۇش ھەققىدىكى كېلىشىم»گە ئاساسەن يېڭى تەرەققىيات بانكىسى باش ئورگىنى شاڭخەيدە قۇرۇلىدۇ، جۇڭگو يېڭى تەرەققىيات بانكىسى باش ئورگىنىدىكى ساھىبخان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن يېڭى تەرەققىيات بانكىسى بىلەن باش ئورگىنى كېلىشىمى ۋە باش ئورگىن ئورۇنلاشتۇرغان چۈشىنىش ئەسلەتمىسىنى ئىمزالاپ، يېڭى تەرەققىيات بانكىسىنىڭ جۇڭگودىكى قانۇنلۇق ئورنى، ئالاھىدە ھوقۇقى، ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىش ۋە قولايلىق يارىتىش قاتارلىق ئىشلاردا ئالاقدىر ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى ئېلىپ بارىدۇ، بۇ ئىككى ھۆججەتنىڭ ئىمزالىنىشى يېڭى تەرەققىايات بانكىسىنىڭ جۇڭگودا ئوڭۇشلۇق تىجارەت باشلىشىنى قانۇنىي ۋە مېخانىزم جەھەتتىن مۇھىم كاپالەتكە ئىگە قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر