باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى «لايىھە» تارقاتتى

پارتىيە ئەزالىرى ئارىسىدا «پارتىيە نىزامنامىسى، قائىدىسىنى ئۆگىنىش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنى ئۆگىنىش، لاياقەتلىك پارتىيە ئەزاسى بولۇش» توغرىسىدا ئۆگىنىش، تەربىيەنى قانات يايدۇرۇش كېرەك

2016.02.29 14:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «پارتىيە ئەزالىرى ئارىسىدا <پارتىيە نىزامنامىسى، قائىدىسىنى ئۆگىنىش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنى ئۆگىنىش، لاياقەتلىك پارتىيە ئەزاسى بولۇش> توغرىسىدا ئۆگىنىش، تەربىيەنى قانات يايدۇرۇش لايىھەسى»نى تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلار، تارماقلارنىڭ ئەستايىدىل ئىجرا قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: «پارتىيە نىزامنامىسى، قائىدىسىنى ئۆگىنىش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنى ئۆگىنىش، لاياقەتلىك پارتىيە ئەزاسى بولۇش» توغرىسىدا ئۆگىنىش، تەربىيەنى قانات يايدۇرۇش(تۆۋەندە «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىردە لاياقەتلىك بولۇش» دەپ قىسقارتىپ ئېلىندى) پارتىيە ئەزالىرىغا قارىتىلغان پارتىيە ئىچىدىكى تەربىيەنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش بولۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى تەربىيەنى «ھالقىلىق ئاز سانلىق»تىن بارلىق پارتىيە ئەزالىرىغا كېڭەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، مەركەزلەشتۈرۈپ تەربىيەلەشتىن دائىملىق تەربىيەلەشكە تەرەققىي قىلىشتىكى مۇھىم تەدبىر. جايلار، تارماقلار، ئورۇنلاردىكى پارتكوملار (پارتگۇرۇپپا) «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىردە لاياقەتلىك بولۇش» ئۆگىنىش، تەربىيەنى قانات يايدۇرۇشنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئاساسىي قاتلامغا يۈزلەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە پاكلىقىنى ساقلاشتىكى مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇشى، بۇنى بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە دەپ بىلىپ، مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىپ، جايىدا تۇتۇشى، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشىشى كېرەك. ئىدىيە قۇرۇلۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، پارتىيە ئەزالىرىغا پارتىيە نىزامنامىسىغا ھۆرمەت قىلىش، پارتىيە قائىدىسىگە رىئايە قىلىش توغرىسىدا تەربىيە بېرىپ ۋە ئۇلارنى يېتەكلەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھى بىلەن مېڭىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش، پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنىنىڭ ئىدىيە، تەشكىللەش، ئىستىل، ئىنتىزام قاتارلىق تەرەپلەردە ساقلانغان مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سىياسىي ئېڭى، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرولۇق ئېڭى، بىردەك بولۇش ئېڭىنى تىرىشىپ يەنىمۇ كۈچەيتىپ، غايە، ئېتىقادىنى مۇستەھكەملەپ، پارتىيەگە بولغان سادىقلىقىنى ساقلاپ، ئىستىلى دۇرۇس، پاك- دىيانەتلىك بولۇش ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئالغۇزۇپ نەتىجە ياراتقۇزۇپ، ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر