باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جاڭ دېجياڭ ياپونىيە كېڭەش پالاتاسىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشتى

2016.02.24 15:06         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭ تۈنۈگۈن خەلق سارىيىدا جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن ياپونىيە پارلامېنتى كېڭەش پالاتاسىنىڭ قەرەللىك ئۇچرىشىش مېخانىزمى 6- قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشقان ياپونىيە كېڭەش پالاتاسىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشتى.

  جاڭ دېجياڭ مۇنداق دېدى، قانۇن تۇرغۇزۇش ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىسى جۇڭگو ياپونىيە مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى. جۇڭگو ياپونىيە مۇناسىۋىتىنىڭ داۋاملىق ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشتا، جۇڭگو بىلەن ياپونىيەنىڭ 4 سىياسىي ھۆججەتتە چىڭ تۇرۇپ، 2014- يىلى نويابىردا ئىككى تەرەپ ھاسىل قىلغان تۆت نۇقتىلىق پىرىنسىپ ئورتاق تونۇشىغا ھەقىقىي رىئايە قىلىش ئىنتايىن مۇھىم. گەرچە جۇڭگو بىلەن ياپونىيەنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئالاقىسى بىراز ئەسلىگە كەلگەن بولسىمۇ، بىراق يەنە نۇرغۇن مۇرەككەپ مەسىلە ۋە خىرىسلارغا دۇچ كەلمەكتە. ئىككى تەرەپ سىياسەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سەزگۈر مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىققا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن ياپونىيە كېڭەش پالاتاسىنىڭ قەرەللىك ئالماشتۇرۇش مېخانىزمى قايتا بەرپا قىلىنىپ ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇلدى، بۇنىڭ ئىككى تەرەپنىڭ ئۆز ئارا چۈشىنىش ۋە ئىشىنىشىنى يەنىمۇ كۈچىيىپ، جۇڭگو بىلەن ياپونىيەنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشقا ئىجابىي تۆھپە قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

  كېنسې مىزوتې قاتارلىق پارلامېنت ئەزالىرى مۇنداق دېدى، ياپونىيە كېڭەش پالاتاسى جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن بولغان سۆزلىشىش ۋە ئالماشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن يەنىمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر