- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
چاۋشيەن: ئامېرىكا، كورېيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش جابدۇقلىرىدا نورمالسىزلىق كۆرۈلسە چاۋشيەن ئالدىن جازا قوللىنىدۇ
2016.02.24 13:50 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئالىي قوماندانلىق ئىشتابى تۈنۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ: ناۋادا ئامېرىكا بىلەن كورېيەنىڭ ئالاھىدە ئۇرۇش قىلىش قىسمى ۋە ئۇرۇش جابدۇقلىرىدا نورمالسىزلىق كۆرۈلسە، چاۋشيەن ئالدى بىلەن ھەرىكەت قوللىنىدۇ دېدى.
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: ئامېرىكا بىلەن كورېيە يېقىندا چاۋشيەننىڭ تۈزۈلمىسىنى بەربات قىلماقچى بولدى. ھازىرقى ۋەزىيەت چاۋشيەننى بىر چەتتە قاراپ تۇرۇۋەرسە بولمايدىغاندەك خەتەرلىك ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى.
كورېيە زۇڭتۇڭى پاك گۆنھى يېقىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: چاۋشيەنگە يادرونى داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرسا ھاكىمىيىتىنىڭ گۇمران بولۇشى تېزلىشىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇرۇش ئۈچۈن، كورېيە ھۆكۈمىتى كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ چاۋشيەندە ئۆزگىرىش ياسايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە چاۋشيەننى جازالاشنى داۋاملاشتۇرىدۇ، كورېيە ئامېرىكا بىلەن بىرلىشىپ مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرمەكتە.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر